باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سادىقلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

2025-07-04 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئورگىنىدا زىيارەتتە بولدى ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سادىقلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە ئايرىم - ئايرىم قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئورگىنىغا كېلىپ، كادىرلار ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى، بەنزە ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى، خىزمەت توغرىسىدىكى پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىپ، سادىقلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش روھىنى ئۇرغۇتۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىستىلنى چېنىقتۇرۇشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ئەمەلىي ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە ئايرىم - ئايرىم قاتناشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىدا، چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ نىزامنى تەستىقلاشقا يوللاش خىزمىتى باشقارمىسى، ئىجتىمائىي نىزام چىقىرىش باشقارمىسىغا كىرىپ، خىزمەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، كۆپچىلىكنى نىزام چىقىرىشنىڭ يېتەكلەش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى. سۆھبەتتە چېن شياۋجياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يەرلىك نىزام سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، «بىر ھۆكۈمەت، بىر كومىتېت، ئىككى مەھكىمە»گە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن خەلق قۇرۇلتىيى كۈچىنى قوشۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئورگىنىدا، چېن شياۋجياڭ ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى كاتىبات 1 - باشقارمىسى، كاتىبات 2 - باشقارمىسىنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بەنگۇڭتىڭ ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتلىرىنى يۈرۈشتۈرىدىغان مەركىزىي تۈگۈن بولۇپ، مەسئۇلىيىتى ئىنتايىن ئېغىر. خىزمەت ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سۆھبەتتە چېن شياۋجياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن بېكىتمىسىنى چوڭقۇر تونۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىك، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شىنجاڭنىڭ سىياسەت، بايلىق، رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇملۇقىغا مۇلازىمەت قىلىشتا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كارخانىلارنى مۇقىملاشتۇرۇش، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش» توغرىسىدىكى مۇھىم تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىسىنى تىرىشىپ ئورۇنداش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدا، چېن شياۋجياڭ تەكلىپ كومىتېتى، مىللەت ۋە دىن كومىتېتى، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، سەھىيە - تەنتەربىيە كومىتېتىغا كىرىپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، سىياسىي كېڭەش بۇ جەھەتتە كۆپرەك ئەقىل كۆرسىتىشى، كۆپرەك چارە تېپىشى، كۆپرەك خىزمەت ئىشلىشى كېرەك. چېن شياۋجياڭ سۆھبەتتە مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي سادىقلىقنى مۇستەھكەملەش جەھەتتە يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىقنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش جەھەتتە يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش جەھەتتە يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش جەھەتتە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، ئەقىل - پاراسەتنى مۇجەسسەملەش، كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئورگىنىدا، چېن شياۋجياڭ بىڭتۇەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار پارتىيە ئەزالىرى تەربىيە بازىسى ۋە بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى خەلق ئەسكەرلىرى ئىشخانىسى، بىڭتۇەن ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، كۆپچىلىككە: بىڭتۇەن روھى، توغراق روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر قوشۇنى بەرپا قىلىپ، تىرىشىپ بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان خەلق ئەسكەرلىرى قوشۇنى قۇرۇپ چىقىپ، بىڭتۇەننى تېخىمۇ قۇدرەتلىك، تېخىمۇ گۈللەنگەن قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك، دەپ تاپىلىدى. چېن شياۋجياڭ سۆھبەتتە مۇنداق كۆرسەتتى: دىققەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىڭتۇەننىڭ ئورۇن بېكىتمىسى توغرىسىدىكى تەلىپىگە پۇختا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، كۈچەپ بىڭتۇەننىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى زورايتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق جەھەتتە يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىشتا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، سۆھبەت جەريانىدا، چېن شياۋجياڭ ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ خىزمەت نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، سەمىمىي ئۈمىد كۈتتى. بىز پارتىيەگە سادىق بولۇشنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تۈپ ئۆلچەم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى چىڭ كۆزلەپ، ھەرمىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەلەپ قىلدى: ھەردەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار باش تېما تەربىيەسى ۋە پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە پۇختا تۈرتكە بولۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆگىنىش ئىستىلى، يىغىن ئىستىلى، يېزىقچىلىق ئىستىلىنى ياخشىلاپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ يەپ - ئىچىشنى قەتئىي تۈزەپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، كۆتۈرەڭگۈ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان روھىي ھالەت ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەيدىغان خىزمەت ئىستىلى ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

چېن ۋېيجۈن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.