شىنجاڭ ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى 8 - نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ 1 - قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى

2025-07-07 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، شىنجاڭ ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى 8 - نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ 1 - قېتىملىق يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، يىغىندا يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك ئاپپاراتى سايلاپ چىقىلدى.

جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس ليۇ سىياڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيەنشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ليۇ سىياڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ مۇخبىرلار جەمئىيىتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، كەڭ ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەش، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەشكە دائىر جانلىق ھېكايىلەرنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن بايان قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ مۇجەسسەملىدى، كۈچلۈك ئاممىۋى پىكىر مەدىتى بىلەن تەمىنلىدى. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئىدىيە ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىيدا مۇستەھكەم «زېرەك ئادەم» بولۇش؛ دىققەتنى مەركىزىي خىزمەت ۋە ئومۇمىيەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى «تۈرتكۈچ» بولۇش؛ ئىتتىپاقلىق مۇنبەت تۇپرىقىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەشتىكى «قەلبداشلىق كۆۋرۈكى» بولۇش؛ قەتئىي ئىرادە بىلەن توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، يۇغۇرما تاراتقۇدىكى «باشلامچى» بولۇش؛ ئالىيجاناب مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، دەۋر ئۆزگىرىشىنى «كۆزەتكۈچى»لەردىن بولۇپ، جاسارەت بىلەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

ۋاڭ جيەنشىن مۇنداق دېدى: قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈش ئىشەنچنى كۈچەيتىش، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش، قەلبداش بولۇشقا جىددىي ئېھتىياجلىق. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ ئاخبارات خىزمەتچىلىرى سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيە يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاش داۋامىدا يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىشى، يېڭى نەتىجىلەرنى گەۋدىلەندۈرۈشى؛ مەركىزىي ۋەزىپىنى چىڭ كۆزلەپ، ئىجابىي تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىشى، يېڭى نەتىجىلەرنى گەۋدىلەندۈرۈشى؛ خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىش داۋامىدا يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىشى، يېڭى نەتىجىلەرنى گەۋدىلەندۈرۈشى؛ قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ساپانى تاۋلاپ، ئىستىل ۋە يېزىقچىلىق ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ئەمەلىي ئىشلەش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش داۋامىدا يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىشى، يېڭى نەتىجىلەرنى گەۋدىلەندۈرۈشى كېرەك. شىنجاڭ مۇخبىرلار جەمئىيىتى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاخبارات ساھەسىدىكىلەر بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى كۆۋرۈكلۈك ۋە ۋاسىتىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى «مۇخبىرلار ئائىلىسى»نى ياخشى قۇرۇپ، كەڭ ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئۇيۇشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار خەلق تەشكىلاتلىرىغا ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى. يىغىندا شىنجاڭ ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى 7 - نۆۋەتلىك كېڭىشى دائىمىي كېڭىشىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ماقۇللاندى، شىنجاڭ ئاخباراتچىلار جەمئىيىتىنىڭ نىزامنامىسى ئۆزگەرتىلدى.