ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى
چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 21 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، مەركىزىي كومىتېت مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 6 - قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەزنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى بويىچە غەربىي قىسىم پىلانى شىنجاڭ مەخسۇس تۈرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش مۇھاكىمە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 21 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پۈتۈن پارتىيەگە ئاخىرغىچە قاتتىق تۇتۇش، قىلچە يول قويماسلىق كۈچلۈك سىگنالىنى تارقاتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى ۋە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشنى ئىستىلنى تۇتۇشتىن باشلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆزلۈك ئىنقىلابىدىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى تېخىمۇ چىڭىتىش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇختا تۇتۇپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، بەلگىلىمىگە خىلاپ يەپ - ئىچىشنى قاتتىق تەكشۈرۈش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەردە، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ناتوغرا ئىستىللارنى قاتتىق توسۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى تۇتاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھوقۇقنى نازارەت قىلىش، چەكلەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، «تۆت خاھىش» بىلەن چىرىكلىكنى تەڭ تەكشۈرۈش، تەڭ تۈزەش سالمىقىنى زورايتىپ، چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى كۈچەپ يوقىتىش كېرەك. مەسئۇلىيەت زەنجىرىنى ئومۇميۈزلۈك چىڭىتىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، دەرىجىمۇدەرىجە بېسىم يەتكۈزۈپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دادىل تۇتۇپ دادىل باشقۇرۇپ، ھەقىقىي باشقۇرۇپ ھەقىقىي چىڭىتىپ، شىنجاڭدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش، كېڭىشىش، ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتلىرى خىزمەت نىزامى»غا ئۆلچەم بويىچە، تەلەپ بويىچە توغرىلىنىپ، ئاپتونوم رايون قاتلىمىدىكى كېڭىشىش، ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى، مەسئۇلىيىتى ۋە يۈرۈشۈشىنى سىجىل قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. مەسئۇلىيەت ئورۇن بېكىتمىسىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، دىققەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، باشلامچى بولۇش، لېكىن ھەممىنى ئۈستىگە ئېلىۋالماسلىق، ماسلاشتۇرۇش، لېكىن دائىرىدىن ھالقىپ كەتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، تەدبىر بەلگىلەش، كېڭىشىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 6 - قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىغا پائال مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش كېرەك. مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ بايلىق، رايون ئورنى قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرىگە قويۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئامىل بازىرىنى تېز قۇرۇپ، بايلىق ئامىلىنىڭ مۇۋاپىق يۆتكىلىشى ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر قاتارلىقلار بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىگە چوڭقۇر سىڭىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئادىل، ئېچىۋېتىلگەن بازار سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە كەڭلىكىنى كېڭەيتىپ، تىرىشىپ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. باشتىن - ئاخىر جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش تۈزۈم - مېخانىزمىنى سىجىل تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەر قاتناشقان جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىستېرېئولاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنى يۆنىلىش قىلىپ، ئاجىز ھالقىلارنى تېزدىن تولۇقلاپ، خەۋپ - خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈگىتىش ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭدىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك. ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەكتەپلەرنىڭ ئادەم تەربىيەلەش ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ياش - ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساس سېلىش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مەكتەپ، ئائىلە، جەمئىيەت ماسلىشىپ ئادەم تەربىيەلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە بولغان قانۇنچىللىق كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.
يىغىندا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى بويىچە غەربىي قىسىم پىلانى شىنجاڭ مەخسۇس تۈرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇنداق تەكىتلەندى: غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنى ئالغا سىلجىتىشى، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىدىكى مۇھىم رولىنى چوڭقۇر تونۇپ، مۇلازىمەت قىلىش، باشقۇرۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، ئادەمگە قاراپ تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەم بىلەن ئىش ئورنىنىڭ ماس كېلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كۆڭۈل بۆلۈش - غەمخورلۇق قىلىش، تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مۇلازىمەت كاپالىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنى شىنجاڭدا يىلتىز تارتىشقا، چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلاشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.
يىغىندا يەنە رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭغا ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پىرىنسىپىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، سادىقلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتنىڭ مۇقىملىقى، سىجىللىقىنى ساقلاپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش كېرەك. ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش، مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئادا قىلىش، تەۋەلىكنى قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، يېزىقچىلىق ئىستىلى، يىغىن ئىستىلىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشقا ئاجرىتىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ، «تۆتنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە ۋە جەمئىيەت كەيپىياتىنىڭ ياخشى يېتەكچىسى، ياخشى بەرپا قىلغۇچىسى، ياخشى قوغدىغۇچىسى بولۇش كېرەك.