□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ
شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشتە، ئىختىساسلىقلار ئاچقۇچ.
ئوپېراتسىيە ئۆيىدە، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى يەرلىكتىكى دوختۇرلار بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ مۇرەككەپ ۋە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى؛ مەكتەپ دەرسخانىسىدا، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار ئىلغار ئىدىيە ۋە بىلىملەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تولۇق ئۆگەتتى؛ ئېتىز باشلىرىدا، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىللىرى تېرىقچىلىق يېڭى تېخنىكىسىنى قولمۇقول ئۆگەتتى... 9 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە مەركەز ئورۇنلىرى كادىرلار، ئىختىساسلىقلار جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويدى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان تۈركۈم - تۈركۈم كادىرلار، ئىختىساسلىقلار تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا يىلتىز تارتىپ، مائارىپ، داۋالاش، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردە چوڭقۇر، تۈجۈپىلەپ ئىزدىنىپ، ئەقىل - پاراسەت ئۇرۇقىنى چېچىپ، ئۆسۈپ يېتىلىش تۇپرىقى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا جۇش ئۇرۇپ تۇرغان «ئەقلىي» ئىقتىدار قوشتى.
يۇقىرى داۋالاش تېخنىكىسى بىلەن مېھرىبانلىق يەتكۈزۈپ، تاغ - دەريالاردىن ھالقىپ خاتىرجەملىك، سالامەتلىكنى قوغدىدى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسى يۈرەك تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ كېسەلخانىسىدا، سەككىز ياشلىق ئوغۇل بالا مەمەتجان تۇرسۇن (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) تەشەببۇسكارلىق بىلەن سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى قىلىۋاتاتتى. بۇلتۇر 10 - ئايدا، جياڭسۇنىڭ شىنجاڭغا داۋالاش ئارقىلىق ياردەم بېرىشىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك تۈرى بولغان «قەلبنى ئوزۇقلاندۇرۇش پىلانى»نىڭ پايدىسىدا، ئۇ قىزىلسۇ ئوبلاستىدا تۇغما يۈرەك كېسىلىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوپېراتسىيە قىلدۇردى، باش ئوپېراتسىيە دوختۇرى شۈجوۋ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىدىن كەلگەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىس خۇ ۋېيۋېي ئىدى.
«ئىلگىرى بۇ خىل ئوپېراتسىيەنى ئاغرىقنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ قىلىشقا توغرا كېلەتتى، بۈگۈنكى كۈندە قىزىلسۇ ئوبلاستىدىلا تاماملىغىلى بولىدۇ.» جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ 11 - تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان داۋالاش ئەترىتىنىڭ باشلىقى، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى جى جىڭنىڭ سۆزى شىنجاڭغا داۋالاش ئارقىلىق ياردەم بېرىش ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنى نامايان قىلدى.
2016 - يىلى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، «قەلبنى ئوزۇقلاندۇرۇش پىلانى» 76 قارار مۇۋەپپەقىيەتلىك يولغا قويۇلۇپ، 1000دىن ئارتۇق ئاغرىق بالا ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلىندى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان داۋالاش ئەترىتى يەنە قىزىلسۇ ئوبلاستى «N+N+4+1+9» شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئىتتىپاقىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، توققۇز ئارقا سەپ دوختۇرخانىسىنى بىرىكتۈرۈپ قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ داۋالاش ئاپپاراتلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ، داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى ھەمكارلىقى، يىراق مۇساپىلىك تەربىيەلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئىلغار داۋالاش تېخنىكىسى ۋە ئىلمىي ئىدىيەنى ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزدى.
بۇلتۇر 5 - ئايدا، گۇاڭدۇڭدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇر خۇاڭ يۈشيەن قەشقەر ۋىلايەتلىك 1 - خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ قان كېسەللىكلىرى ئىچكى بۆلۈمىگە دەسلەپ كەلگەندە بېشى سەل قاتتى، ئۈسكۈنىلەر مۇكەممەل ئەمەس، تەكشۈرۈش - ئۆلچەش ئۈنۈمى تۆۋەن، ھۈجەيرە كۆچۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىغان دورا كەمچىل بولغاچقا، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان غەيرىي گېن قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرىنى كۆچۈرۈشنى تاماملاشتا قىيىنچىلىق كۆپ ئىدى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ماسلاشتۇرۇشىدا، خۇاڭ يۈشيەن بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان داۋالاش مۇتەخەسسىسى شياۋ فېي شۇ جايدىكى دوختۇر - سېسترالار بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش گۇرۇپپىسىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، ئىككى ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپلا غول ھۈجەيرە ئېلىش ئۈسكۈنىسى مۇكەممەل بولماسلىق ۋە ھۈجەيرە كۆچۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىغان دورا كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، ئاندىن غەيرىي گېن قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە كۆچۈرۈش تېخنىكا سۇپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىلىپ، شۇ جاينىڭ داۋالاش تېخنىكىسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى.
«گۇاڭدۇڭنىڭ داڭلىق دوختۇرلىرى شىنجاڭغا كىرىش قۇرۇلۇشى» يولغا قويۇلۇپ، گۇاڭدۇڭدىكى 65 داڭلىق مۇتەخەسسىس قەشقەر ۋىلايەتلىك 1 - خەلق دوختۇرخانىسىدا مۇتەخەسسىسلەر خىزمەت ئىشخانىسى تەسىس قىلدى، 75 نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىس قەشقەرگە كېلىپ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ئوپېراتسىيە بويىچە يېتەكلەش، تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى؛ «گۇاڭدۇڭ - شىنجاڭ يورۇقلۇق سەپىرى» «تاش چۈشۈش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلار» قاتارلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلىرى دەل جايىدا قىلىنغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى... ئىككى يىلدىن بۇيان، گۇاڭدۇڭ «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا داۋالاش ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇردى، گۇاڭدۇڭدىكى 400دىن ئارتۇق داۋالاش ئىختىساسلىقى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ داۋالاش تېخنىكىسىدىكى بوشلۇقنى سىجىل تولدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدىدى.
شاڭخەينىڭ قارامايغا ياردەم بېرىش بويىچە داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يار - يۆلەك بولۇشىدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ قاراماي دوختۇرخانىسى(شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانا) كىلىنىكا مەركىزىنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتتى، دوختۇرخانىنىڭ دىياگنوز قويۇش - داۋالاش سەۋىيەسى ۋە ئوپېراتسىيە قىلىش ئىقتىدارى تېز ئۆستى؛ جياڭشىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇرلار «جياڭشىلىق قىزىل دوختۇرلار» پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، ئاقتۇ ناھىيەسىدە چوڭ دەرسخانا ھەم خالىس كېسەل كۆرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.
2023 - يىلىدىن بۇيان، داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلاردىكى دوختۇرخانىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى ئومۇميۈزلۈك ئۆسۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ئىشىك ئالدىدىلا يۇقىرى سەۋىيەلىك دىياگنوز قويۇش - داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولدى. تاغ - دەريالاردىن ھالقىغان بۇ خىل قوغداش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ داۋالىنىشىنى تېخىمۇ تايانچقا، تېخىمۇ ئىشەنچكە ۋە خاتىرجەملىككە ئىگە قىلدى.
دەل جايىدا كۈچەپ، «كىچىك ئۆمەك تەشكىللەش» ئارقىلىق چوڭ ئېنېرگىيەنى قويۇپ بەردى
شال سۇدا ئۆسىدۇ، شال ئارىسىدا راكلار ئۈزىدۇ. يېقىندا، ئونسۇ ناھىيەسى توخۇلا يېزىسىنىڭ شال - راك ئۇنىۋېرسال تېرىقچىلىق - باقمىچىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدا، جېجياڭ داشۆ ھايۋانات ئىلمى شۆيۈەنىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىلى دۇڭ ۋېيرېن شۇ جايدىكى دېھقان ئائىلىلىرىنى باشلاپ، تۈنجى تۈركۈمدىكى ئاۋسترالىيە تاتلىق سۇ چوڭ راك قۇمچاقلىرىنى قويۇپ بەردى. «چوڭ راك 9 - ئايدا بازارغا سېلىنىدۇ، يەنە ئېكولوگىيەلىك گۈرۈچتىن 500 كىلوگىرام ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ.» دېھقان ئائىلىلىرى مول ھوسۇلغا زور ئۈمىد باغلىدى.
2023 - يىلى 9 - ئايدا، جېجياڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە ئالدى بىلەن پۈتۈن شىنجاڭدا «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى باشلاپ، «بىر ئۆمەك، بىر مەركەز، بىر خاس زەنجىر» ئەندىزىسىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دىققەتنى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپلەرگە پەن - تېخنىكا ئارقىلىق يار - يۆلەك بولۇش ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جېجياڭ - ئاقسۇ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىدىن تۆتنى تەشكىللەپ قۇردى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىلىدىن 48نى تۈجۈپىلىك تاللاپ ئەۋەتتى، تۈرلۈك تېرىقچىلىق - باقمىچىلىق تەجرىبە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدىن جەمئىي 18نى ئورتاق بەرپا قىلىپ، پەن - تېخنىكا مۇلازىمەت تۈرىدىن 50تىن ئارتۇقنى قانات يايدۇرۇپ، 250تىن ئارتۇق كارخانىنىڭ نەپكە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئاقسۇنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىدىكى پەن - تېخنىكا قۇۋۋىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.
شۈجوۋنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش «ئىقتىساد كىچىك ئۆمىكى» شۈجوۋ (كۈيتۈن) پەن - تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسىنى مەۋقە قىلىپ، شۇ جاينىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى رەتلەپ تەھلىل قىلىپ، كەسىپلەرنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىش بىلەن بايلىق ئەۋزەللىكىنى تۈجۈپىلىك ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتتى، ئۆمەك سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى، كۆرگەزمە قاتارلىق سۇپىلارنى قۇرۇش ئارقىلىق، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 200گە يېقىن كارخانىدا تەكشۈرۈشتە بولۇپ ۋە ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئالتە تۈردە كېلىشىم ئىمزالاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا كۈچلۈك قۇۋۋەت قوشتى. «ئۆمىكىمىزدە گەرچە پەقەت بەشلا ئادەم بولسىمۇ، لېكىن كۆپچىلىكنىڭ غەيرىتى تولۇپ تاشتى.» شۈجوۋنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش «ئىقتىساد كىچىك ئۆمىكى»نىڭ ئەزاسى، كۈيتۈن - مايتاغ ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گاۋ چېڭۋېننىڭ سۆزىدە قەتئىيلىك ئىپادىلىنىپ تۇراتتى: «كېيىنكى قەدەمدە تەرەققىيات رايونىنىڭ ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز».
مېڭە ۋە ئەقىل - پاراسەتكە تايىنىپ، ئىختىساسلىقلار «دوستلار چەمبىرىكى»دىن ياخشى پايدىلىنىلدى. تۇرپان خۇنەننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بايلىقىغا تايىنىپ، قۇرغاق رايون ئىقتىسادىي ئورمىنى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى چوڭقۇر پىششىقلاش، باغچە رايونىنى پىلانلاش قۇرۇلۇشى، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتى قاتارلىق «كىچىك ئۆمەك»لەرنى جانلىق كىرگۈزۈپ، كەسىپ ئەقىل - پاراسىتى ئارقىلىق تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى ئۇرغۇتتى.
ئىككى يىلدىن بۇيان، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ ماھارەت ئەۋزەللىكى ۋە شۇ ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ساھەسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى، دائىرىسى داۋالاش، مائارىپتىن يېزا ئىگىلىكى، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت - ساياھەت، كەسىپ تەرەققىياتى، باغچە رايونىنى باشقۇرۇش قاتارلىق ساھەلەرگىچە كېڭەيتىلىپ، تۈرلۈك «كىچىك ئۆمەك»لەر تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا جانلىنىپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ قان ئىشلەش ئىقتىدارى ۋە ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولدى.
ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېلىپ كەتمەيدىغان قوشۇننى قالدۇردى
باشقىلارغا تېخنىكا - ماھارەت ئۆگەتكەندىلا، يىراققا يۈرۈش قىلىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بەرگىلى بولىدۇ. ئىككى يىلدىن بۇيان، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر «قان ئىشلەش» مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ «سىرتقا چىقىرىش» «تەكلىپ قىلىش»ىنى قوللاپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى تۈجۈپىلىك قانات يايدۇرۇپ، قېپقالالايدىغان، مەنپەئەت يەتكۈزەلەيدىغان، ياخشى ئىشلىيەلەيدىغان يەرلىك ئىختىساسلىقلار قوشۇنى بەرپا قىلىشقا ياردەم بېرىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا سىجىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.
6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، توققۇز كۈن داۋاملاشقان «يىپەك يولىدا تومۇرداش بولۇش . فۇجيەننىڭ ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق سانجىغا نەپ يەتكۈزۈشى» سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانى ۋە ئۆلچەش - سىزىش ۋە جۇغراپىيەلىك ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەش كۇرسى شيامېندا ئاياغلاشتى، سانجى ئوبلاستىنىڭ تەبىئىي بايلىق سىستېمىسىدىكى 35 خىزمەتچىنىڭ ھاسىلاتى مول بولدى. «ئىلگىرى يېزا - كەنتلەرنى پىلانلاشتا ھەمىشە <نەزەرىيە> بىلەن <ئەمەلىيلەشتۈرۈش> ئارىسىدا بېشىم قاتقانىدى، نەق مەيدان ئوقۇتۇشىدىكى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش مىساللىرى بىلەن سانجىنىڭ يېزا - كەنت تەرەققىياتى ناھايىتى ماس كېلىدىكەن، قايتىپ بېرىپلا جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر سانلىق مەلۇماتلىرىدىن پايدىلىنىمەن» دېدى سانجى ئوبلاستلىق دۆلەت زېمىن بايلىقى پىلان - تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فەن ۋېنكەي ھاياجانلانغان ھالدا.
«يىپەك يولىدا تومۇرداش بولۇش . فۇجيەننىڭ ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق سانجىغا نەپ يەتكۈزۈشى» شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىش ماركىسىنى بەرپا قىلغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، فۇجيەننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت ئەترىتى ئۆز ئۆلكىسىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك تەربىيەلەش بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، 2024 - يىلىلا سانجى ئوبلاستىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ئۈچۈن 89 قارار تەربىيەلەش كۇرسى ئۆتكۈزدى. قوش يۆنىلىشلىك ئالماشتۇرۇش، ئىككى جايدا تەربىيەلەش، ئىش ئورنى بويىچە ۋەزىپە بىلەن چېنىقتۇرۇش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، «بەش 100» ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ھەر يىلى مائارىپ، داۋالاش - سەھىيە، يېزا ئىگىلىكى - يېزا، ئەدەبىيات - سەنئەت - ساياھەت، ئادەم كۈچى بايلىقىدىن ئىبارەت بەش ساھەنىڭ ھەربىرىدىن 100دىن ئارتۇق مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقنى تاللاپ شىنجاڭ سىرتىدا تەربىيەلەش، ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كادىرنى ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىش جەريانىدا قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ «ئالتۇن ئاچقۇچى»نى تېپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
جىلىن ئۆلكىسى دىققەتنى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىككى يىلدىن بۇيان 2500 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق كادىر، ئىختىساسلىقنى تەربىيەلىدى، ياش كادىرلار، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بەنزە ئەزالىرىنى جىلىنغا بېرىپ ئىش ئورنى بويىچە ئۆگىنىشكە تاللاپ ئەۋەتتى، ئۇلار قار - مۇز ئىقتىسادى، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق ساھەلەر بويىچە تەجرىبە ئۆگىنىپ، «سىرتقا چىقىش» كەچۈرمىشىنى «ياخشى ئىشلەش» ئىقتىدارىغا ئايلاندۇردى.
«ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش» جەريانىدا، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئىختىساسلىقلارنىڭ «ئۇچقۇن»لۇق رولى بارغانسېرى گەۋدىلەندى.
تيەنجىن شەھەرلىك كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى جاڭ ۋېي شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن مەزگىلدە، شۇ جايدىكى كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرىنىڭ ئىلغار ئوپېراتسىيە «ئۆتكۈر قورالى» ئارقىلىق مەشغۇلات قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىپ، مۇرەككەپ كۆز كېسەللىكلىرى 4 - دەرىجىلىك ئوپېراتسىيەسىنى تاماملىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى؛ جياڭشىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار «چىڭلەن قۇرۇلۇشى» ئارقىلىق ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى ياش ئوقۇتقۇچىلار بىلەن قوشماقلاشتى، «قىزىل كاككۇك» پىدائىيلار مۇلازىمىتى 30 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىغا نەپ يەتكۈزدى؛ جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلار بىلەن بىرلىكتە «مەن جېجياڭ - شىنجاڭنى سۆيىمەن . ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت خادىمى» نىشانلىق تەربىيەلەش تۈرىنى يولغا قويدى، تۇنجى تۈركۈمدىكى 27 نەپەر ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت خادىمى جېجياڭغا بېرىپ تەربىيەلىنىشنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئۆز جايىنىڭ ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت قوشۇنىنى تولۇقلاپ، مەدەنىيەت ئىختىساسلىقلىرى «جەڭگىۋار قوشۇنى»غا ئايلىنىدۇ...
شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار «ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش» ئۇرۇقىنى تېرىش ئارقىلىق، ھەم يەرلىكتە يىلتىز تارتقان، ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئالالايدىغان يەرلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈردى، ھەم ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزدى. بۇ «ئېلىپ كەتمەيدىغان قوشۇن» گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشتىكى تايانچ كۈچكە ئايلىنىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش ئارقىلىق يېڭى سەھىپە پۈتمەكتە.