چېن شياۋجياڭ شياڭگاڭ قانۇن مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لىن دىڭگو ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى

2025-09-14 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئەركىن تۇنىياز، چېن مىڭگو كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئۈرۈمچىدە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت قانۇن مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لىن دىڭگو ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن مىڭگو كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن لىن دىڭگو ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، 70 يىلدىن بۇيان تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش جەھەتتە مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، جەمئىيەت ئومۇمىيىتى ئىناق، مۇقىم بولۇشنى ساقلىدى، مىللەتلەر ئىتتىپاق، دىنلار ئىناق بولۇپ، تىنچ - ئىناق بولغان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان يېڭى كەيپىيات نامايان بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىللىق ئارقىلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كاپالەتلەندۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشكە مۇلازىمەت قىلىپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدا يېڭى قەدەم تاشلىدى. شىياڭگاڭ پېشىپ يېتىلگەن ئومۇمىي قانۇن سىستېمىسى، چېگرا ھالقىغان تالاش - تارتىشلارنى ھەل قىلىش مېخانىزمى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك قانۇن مۇلازىمىتى بايلىقىغا ئىگە، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ بىلەن شياڭگاڭ ئىككى جاينىڭ قانۇن ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش بوشلۇقى كېڭەيدى. ئىككى تەرەپنىڭ قانۇن ئىشلىرى جەھەتتە تېخىمۇ قويۇق ئالاقە ئورنىتىپ، قانۇنچىللىق جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق ئىختىساسلىقلىرىنى بىرلىكتە يېتىشتۈرۈپ، ئىككى جاينىڭ ئىقتىساد - سودا، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ دۆلەت خىزمىتى ئومۇملۇقى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

لىن دىڭگو بۇ قېتىمقى سەپەرگە ئالاقىدار ئەھۋاللار ۋە شياڭگاڭنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شياڭگاڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ مۇناسىۋىتى كۈندىن - كۈنگە قويۇقلاشتى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى كۈنسېرى كۆپەيدى، كەلگۈسىدىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. ئىككى تەرەپنىڭ تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىللىك، مۇقىم ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، شياڭگاڭنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ قانۇن ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ قانۇنچىللاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى قۇرۇلۇشى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

چېن ۋېيجۈن، پەن شى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.