شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ھەربىر سۇڭ تۇپراق، ھەربىر ئائىلە، ھەربىر ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتى

2025-09-21 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

​− «يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن خاتىرە

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ

9 - ئايدىكى بېيجىڭ شەھىرى، كۈزنىڭ ھاۋاسى ساپ ۋە سالقىن ئىدى.

9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

بۇ يىل ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. 70 يىلدا بوران - چاپقۇننى باشتىن كەچۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭ تۇپرىقىدا «مىسلىسىز جۈرئەت بىلەن يېڭى بىر دۇنيا يارىتىش»تىن ئىبارەت دۇنياۋى مۆجىزە يارىتىلدى.

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ چىگىش، مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش، زىددىيەت، خەۋپ - خەتەر ئىچىدە غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بىر كۆزنەككە ئوخشايدۇ.

يىغىن مەيدانىدا مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى، پېڭپەي خەۋەرلىرى، جۇڭگو ياشلار گېزىتى، نۇر گېزىتى، سىنگاپور ئەتىگەنلىك بىرلەشمە خەۋەرلەر گېزىتى قاتارلىق جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى بەس - بەستە سوئال سورىدى.

سەھنىدە مەردانە ۋە كۈچلۈك جاۋابلار، تەپسىلىي ۋە قايىل قىلارلىق سانلىق مەلۇماتلار شىنجاڭنىڭ باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەن تارىخىي يىل ھالقىسىنى تۇتاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىنىڭ ئارقىسىدىكى ئەڭ ھەيۋەتلىك ئىدىيەۋى ئۇلۇغ كۈچنى نامايان قىلدى.

پۈتۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى مەيدانىدا ئېچىۋېتىلگەن، گۈزەل، رەڭدار شىنجاڭ نامايان قىلىندى، شۇنداقلا گۈللەپ ياشناۋاتقان جانلىق مەنزىرە تەسۋىرلەندى.

بۇ مەنزىرە مۇقىملىق ئاساسىنى نامايان قىلدى.

بۈگۈنكى شىنجاڭ ئىناق، تىنچ، ھاياتىي كۈچكە تولغان، 2024 - يىلى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 300 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇقىم، ئىناق، بىخەتەر شىنجاڭنى ئالقىشلىدى.

بۇ مەنزىرىگە ئىتتىپاقلىق گۈللىرى نەقىشلەنگەن.

ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىلىشىپ، ئالماشتۇرۇپ، يۇغۇرۇلۇپ، كۆپچىلىك يېقىن قوشنا بولۇپ ئۆتۈپ، ئىناق تەرەققىي قىلدى. قىسقا سىنلىق زىيارەت جەريانىدا، بالىلارنىڭ تەبىئىيلا «مەن جۇڭخۇا مىللىتى» دەپ جاراڭلىق جاۋاب بېرىشى، قۇربان تۇلۇم تاغا، «ئاق خالاتلىق پەرىشتە» ۋۇ دېڭيۈن، «خەلق قوغدىغۇچىسى» بايەكە كەلدىبېك قاتارلىق شانلىق ئىسىملارنىڭ يەنە بىر قېتىم تىلغا ئېلىنىشى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن چاقناپ تۇرىدىغان مەنىۋى كوردىنات بەلگىسىنى سالدى.

بۇ مەنزىرە تەرەققىيات سۈرئىتىگە تولغان.

پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ «مۇقىم بولۇش» ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، «ئىلگىرىلەش» قۇۋۋىتى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، «يېڭى بولۇش» سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆستى. بۇلتۇر شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى تۇنجى قېتىم 2 تىرىليون يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى. شىنجاڭنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىدا يەنە تارىخىي يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، بۇلتۇر 434 مىليارد 160 مىليون يۈەنگە يەتتى، 2022 - يىلىدىن 2024 - يىلىغىچە ئۇدا ئۈچ يىل ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى ئۇدا ئۈچ 100 مىليارد يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلدىن ھالقىدى.

بۇ مەنزىرىدە خەلق تۇرمۇشى ئىللىقلىقى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.

شىنجاڭ كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش بىخەتەرلىك تورىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلايدۇ. ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان بولۇش، ئۆيسىزلەرنىڭ تۇرىدىغان ئۆيى بولۇش، ئاغرىقلار داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇشتىن ئىبارەت كاپالەت سىستېمىسى بەرپا قىلىندى. بۈگۈنكى كۈندىكى خوتەن ۋىلايىتىدە ئىلگىرىكى ھەممىلا جايدا ئۇچراتقىلى بولىدىغان ئېشەك ھارۋىسى مۇزېيغا قويۇلدى، بىر ئائىلىدە بىرنەچچە پىكاپ بولۇش رېئاللىققا ئايلاندى.

خېنەن رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ داشياڭ ئاخبارات مۇخبىرى يۈ جيامىن بىر تەرەپتىن خاتىرە كومپيۇتېردا سانلىق مەلۇماتلارنى تېز سۈرئەتتە خاتىرىلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن: «ئالتۇن جۈملىلەر بەك كۆپ، ھەقىقىي قىممىتى بارلىرى بەك كۆپ ئىكەن، خاتىرىلەپ ئۈلگۈرەلمىدىم» دەپ خورسىندى.

ئۇنىڭغا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلغىنى ئاساس مائارىپتا يۈزبەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولدى: شىنجاڭدا ھەر 106 بالىغا بىر يەسلى، ھەر 817 باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا بىر باشلانغۇچ مەكتەپ توغرا كېلىدۇ. 2024 - يىلى، شىنجاڭنىڭ توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى %99تىن كۆپرەككە يەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ سانلىق مەلۇماتلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، شىنجاڭ مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، خەلققە مائارىپ ئارقىلىق نەپ يەتكۈزۈپ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسى ۋە رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈردى. بالىلار ۋەتەننىڭ كەلگۈسى، مائارىپنىڭ چوڭقۇر ئاساسى بولسىلا، شىنجاڭنىڭ ئەتىسى چوقۇم تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

يەرشارى ۋاقىت گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جۆچېڭ شىنجاڭغا ئالتە قېتىم كەلگەن، «ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىكى ئالتۇن جۈملىنى نەقىل كەلتۈرسەم، شىنجاڭنى بىر خەت بىلەن سۈپەتلىسەك گۈزەل، ئىككى خەت بىلەن سۈپەتلىسەك تولىمۇ گۈزەل، ئۈچ خەت بىلەن سۈپەتلىسەك ئىنتايىن گۈزەل!» ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۇ مۇنداق بىر سوئال سورىدى: نېمە ئۈچۈن مۇشۇ يىللاردا شىنجاڭ بارغانسېرى كۆپ كىشىنىڭ «ئارزۇيىدىكىدەك جايى» بولۇپ قالدى؟

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى «ئاۋات بولۇش» «جانلىنىش» «يۇغۇرۇلۇش» «زىچ بولۇش» «ئوزۇقلاندۇرۇش»تىن ئىبارەت بەش خەت ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ قانداق قىلىپ ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن مېھمانلارنى جەلپ قىلغانلىقىنى ئايرىم - ئايرىم بايان قىلدى، جاۋ جۆچېڭ ئارىلاپ - ئارىلاپ بېشىنى لىڭشىتتى. «مەن بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتقا دىققەت قىلىپ قالدىم، 2024 - يىلىلا، 516 تۈركۈم ئۆمەك - گۇرۇپپا، 10 مىڭ 600دىن كۆپرەك ئادەم قېتىم شىنجاڭغا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتكە كەلگەن، بۇ يەنە شىنجاڭنىڭ ھەرگىزمۇ بىر قىسىم ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى ئويدۇرۇپ چىقارغاندەك ئەمەسلىكىنى، بەلكى بارغانسېرى ئېچىۋېتىلگەنلىكىنى، ئۆزىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى نامايان قىلىپ بەردى، گۈزەل شىنجاڭدا كۆرۈشكە بولمايدىغان ھەرقانداق نەرسە يوق!» دېدى ئۇ.

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى چوڭقۇر ماھىيەتلىك مەزمۇنغا ۋە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، ھەر مىللەت ئامما ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ يەنە نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

خۇددى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بېرىلگەن جاۋابقا ئوخشاش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پۈتكۈل شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتى، شىنجاڭنىڭ ھەربىر سۇڭ تۇپرىقىدا ئەمەلىيلەشتى، ھەربىر ئائىلىدە ئەمەلىيلەشتى، ھەربىر ئادەمدە ئەمەلىيلەشتى.

تەدبىر بېكىتىلىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدۇق، شىنجاڭ تەرەققىياتىنىڭ كەلگۈسى پارلاق.