​خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك

2025-09-07 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ «گۈزەل شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش . جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى​

خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ «گۈزەل شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش . جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

9 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىن 5 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاساسىي قاتلامدىكى 100 نەپەر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنى تەشكىللەپ، ئۈرۈمچى شەھىرى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ساۋەن شەھىرى، بىڭتۇەن 8 - شى شىخەنزە شەھىرى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ئون نۇقتىغا چوڭقۇر چۆكۈپ 70 يىللىق شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى مەخسۇس تېمىلىق كۆزدىن كەچۈرۈشنى قانات يايدۇردى. پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا، ئالتە نەپەر ۋەكىل كۆزدىن كەچۈرۈش مەزگىلىدە كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىغا ۋە ئۆزىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى، ئويلىغانلىرى، ھېس قىلغانلىرىنى ھەمبەھرىلىدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىلىق كۆزدىن كەچۈرۈش ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيىتىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىرى، شۇنداقلا بۇ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغاندىن بۇيان شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرغان كۆلىمى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق مەركەزلىك كۆزدىن كەچۈرۈش بولۇپ، ئاساسىي مەقسىتى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر، بارلىققا كەلگەن تارىخىي زور ئۆزگىرىشلەرنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ ۋە لېكسىيە سۆزلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەشكە يېتەكلەش.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ قېتىمقى كۆزدىن كەچۈرۈش بىر قېتىملىق مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش پائالىيىتى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بىر قېتىملىق ئەمەلىيەت ئۆگىنىش ۋە جانلىق تەربىيە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى يەنىمۇ چىڭىتىش كېرەك. بۈگۈنكى تەستە قولغا كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، مىننەتدار بولۇش ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قەلب ۋە كۈچنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە دىققەتنى ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈشكە، ئاساسىي لىنىيەگە كۈچەشكە تۈرتكە بولۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. «تۈمەنلىگەن ۋەكىل تۈمەنلىگەن ئائىلىگە كىرىش» باش تېمىلىق ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە بېيىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىر - بىرىگە رىشتە باغلاپ، بىر - بىرىگە سىڭىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئورتاق تەرەققىيات داۋامىدا گۈللىنىش پايدىسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ئورتاق قوغداش داۋامىدا دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ئورتاق كۈرەش قىلىش داۋامىدا گۈزەل كەلگۈسىگە ئاتلىنىپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىش كېرەك.

لى نىڭپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.