ئۇل ئەسلىھە «ئون تور» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئۇل ئەسلىھە «ئون تور» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، ھۆكۈمەتنىڭ مەبلەغ سېلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، سۇلۇق يەرلەرنى قوغداش قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇل ئەسلىھە «ئون تور» قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، «ئون تور»نىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا بولغان مۇھىم تىرەكلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. مەۋقەنى ئۇزاق مەزگىلگە قويۇش، مۇۋاپىق ئالدىدا مېڭىش، ئىلمىي پىلانلاش، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئون تور» قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي يۈرۈشۈش ئۈنۈمى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى تېز ئۆستۈرۈش كېرەك. تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدىكى قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتىلارنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ ھەل قىلىپ، تۈرلەرنىڭ بالدۇر ئەمەلىيلىشىشى، بالدۇر پۈتۈشى، بالدۇر ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق تۈر تىزىملىكىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېقىن، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىلنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، داۋاملاشما تۈر، يېڭىدىن ئىش باشلىنىدىغان تۈر، زاپاس تۈرلەرنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، خەلق ئىچى سېلىنمىسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، خەلق ئىچى كاپىتالىنىڭ نۇقتىلىق ساھەلەردىكى تۈر قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى قوللاش كېرەك.
يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنى باشقۇرۇش چارىسى (لايىھە)» قاراپ چىقىلدى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھۆكۈمەت سېلىنمىسى ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشنى يولغا قويۇش، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاسىتە، شۇنداقلا جەمئىيەت كاپىتالىنى ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىشكە يېتەكلەيدىغان ۋە تۈرتكە بولىدىغان كۈچلۈك تۇتقا بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ماسلىشىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سېلىنما قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈر باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت كاپىتالى بىلەن جەمئىيەت كاپىتالىنىڭ ھەمكارلىقى ھەم تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان تۈرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەبلەغ سېلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ھەم دائىرىدىن ھالقىپ كەتمەسلىككە، ھەم يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش رولىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تەشۋىق قىلىش، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسى، 3 - تەرەپ ئاپپاراتى قاتارلىقلارنى سىياسەتتىن خەۋەرلەندۈرۈپ، سىياسەت ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئۈنۈملۈك يولغا قويۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سۇلۇق يەرنى قوغداش نىزامى (ئۆزگەرتىلگەن لايىھە)» قاراپ چىقىلىپ ھەم پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللىنىپ، ئۆزگەرتىلگەن لايىھەنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: تەۋەلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، سۇلۇق يەرنى قوغداش خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ قاتنىشىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تۈزىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، سۇلۇق يەرنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇلۇق يەر دائىرىسىدە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، ساياھەت، ئىلمىي تەتقىقات قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشنى داۋاملىق قېلىپلاشتۇرۇپ، قوغداش، باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.