ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى

2025-09-13 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

​زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى كەسىپ توپى بەرپا قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم تەبرىك خېتى، جاۋاب خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى كەسىپ توپى بەرپا قىلىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇش، چارۋا، ئۆي قۇشلىرىنى سويۇشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ۋە چىڭخۇا داشۆ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ئەشيا ئوبوروتى قۇرۇلۇشىدىكى بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ تۈرلەر، چوڭ - چوڭ سۇپىلارنى ئەستايىدىل پىلانلىشى ۋە يولغا قويۇشى كېرەك. ئەتراپتىكى ئۆلكىلەر، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن بولغان ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭ ئەمەلىي ئىقتىسادىنىڭ دۇنياۋى بازارغا كېڭىيىشىگە كۈچ قوشۇش كېرەك. زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى ئۇل ئەسلىھە تورى ۋە تورنى تەشكىللەش، يۈرۈشتۈرۈشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئەشيا ئوبوروتى ئامىللىرىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملىنىشى ۋە ئەشيا ئوبوروتىنى يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسىدە زامانىۋى تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، دىققەتنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەش، تۆۋەن كاپالەت قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بايلىق تەقسىملەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سىياسەت مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سالمىقىنى زورايتىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق سىياسەت ئۆلچىمىنى ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. سىياسەتنى يېشىپ چۈشەندۈرۈش ۋە تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاممىغا «نەپنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكى، كىمدىن مىننەتدار بولۇپ جاۋاب قايتۇرۇش كېرەكلىكى»نى ئېنىق چۈشەندۈرۈش كېرەك.

يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چارۋا - ئۆي قۇشلىرىنى سويۇشنى باشقۇرۇش نىزامى (ئۆزگەرتىلگەن لايىھە)» مۇھاكىمە قىلىندى ھەم پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى، ئۆزگەرتىلگەن لايىھەنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار مەۋقەنى «بەلگىلەنگەن نۇقتىدا سويۇش، مەركەزلىك كارانتىن قىلىش» پىرىنسىپىغا قويۇپ، سويۇشنىڭ پۈتۈن جەريانىدىكى سۈپەت بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈم سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، چارۋا - ئۆي قۇشلىرىنى سويۇش كەسپىنىڭ ئىجازەت ئۆتكىلىنى چىڭىتىپ، چارۋا - ئۆي قۇشلىرىنى سويۇش كارخانىلىرىنى كۈندىلىك نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كارخانىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، چارۋا - ئۆي قۇشلىرىنى سويۇش كەسپىنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كارخانىنىڭ تېخنىكا، كەسىپ، مەبلەغ، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۇدۇللاشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنىڭ ماسلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ گۇرۇھ بىلەن بولغان ئېنېرگىيە تەمىنات كاپالىتى، پاكىز ئېنېرگىيەنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، سىرتقا يەتكۈزۈش لىنىيەسى بازىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇش كېرەك. چىڭخۇا داشۆ بىلەن بولغان ئاپتونوم رايون - مەكتەپ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دىققەتنى يېشىل ئېنېرگىيە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق، يېشىل ھېسابلاش ئىقتىدارى، ئوپتىكىلىق تېلېسكوپ ۋە كۆزىتىش پونكىتى قۇرۇلۇشى، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ئېكولوگىيە - مۇھىت قوغداش، بىيوتېببىي دورا، ئاممىۋى بىخەتەرلىك قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى بىرلىكتە قانات يايدۇرۇپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى كەسىپلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.