چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك

2025-09-12 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

9 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن 10 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي چېن شياۋجياڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋە بىڭتۇەن 9 - شى بەيياڭ شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، چېن شياۋجياڭ شىنجاڭ چۆچەك - دۆربىلجىن بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك يېڭى ماتېرىيال پەن - تېخنىكا باغچىسىدا، باغچە رايونىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە تۈرى يىرىك پىلانى ۋە نۇقتىلىق تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىماقتا. □ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، چۆچەك، 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي چېن شياۋجياڭ 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن 10 - كۈنىگىچە تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋە بىڭتۇەن 9 - شى بەيياڭ شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسىنى چىڭ كۆزلەپ، يېڭى دەۋردە چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

چېن شياۋجياڭ «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكەن ۋېي دېيوۋنى سەمىمىي يوقلىدى، 9 - شى 163 - تۇەن ساقچى ئىشلىرى پونكىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: بىڭتۇەن روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ۋەتەننى سۆيۈش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، چېگرا رايوننىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك؛ چۆچەك شەھىرىنىڭ قارا دۆڭ مەھەللىسىگە كېلىپ، قوشنىلار بايرىمى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتقان ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىللە چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتى، كۆپچىلىكنىڭ پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشى قوغداپ، بەختلىك تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلدى؛ باقتۇ پورتىدا ۋە بەيياڭ شەھەرلىك قۇرۇلۇش تۈرلىرى قوماندانلىق ئىشتابىدا تارباغاتاينىڭ نۇقتىلىق ئېچىش، ئېچىۋېتىش سىناق رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ھەر تەرەپلىمە يۇغۇرما تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ چېگرا بويى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىش كېرەك؛ شىنجاڭ چۆچەك - دۆربىلجىن بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك يېڭى ماتېرىيال پەن - تېخنىكا باغچىسى ۋە شامال ئېلېكتىر جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ مۇنداق تەكىتلىدى: شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ خاس تۈۋرۈك كەسىپ، خەلقنى بېيىتىش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ تارباغاتاي كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدە ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلاردىن ھال سورىدى، ئۇلارنى مائارىپ ئەسلىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ساپالىق تېخنىكا - ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى؛ نۇقتىلىق سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى ۋە ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: سۇ بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەش، تېجەشلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيە - مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت يارىتىش كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، چېن شياۋجياڭ تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، چېگرا مۇداپىئەسى ۋە تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك زىددىيەت - ماجىرالارنى چوڭقۇر بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈگىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، تىنچ، ئىناق ياخشى مۇھىت بەرپا قىلىش كېرەك؛ زامانىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كەسپى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېشىل كانچىلىق قاتارلىق خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە زورايتىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، چېگرا بويى شەھەر - بازار قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، چېگرا ئاھالىلىرىنى بېيىتىش، چېگرا ئۆتكىلىنى گۈزەللەشتۈرۈش، چېگرانى مۇقىم قىلىش، چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، قاتناش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، پورتنىڭ ئىقتىدار دەرىجىسىنى ۋە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، «چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا سودا بازىرى + شۇ جايدا پىششىقلاش»نى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەسلىھەلەرنى ئورتاق قۇرۇش، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، چوڭقۇر گىرەلىشىش، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلاشقا تۈرتكە بولۇپ، بىڭتۇەننىڭ ئالاھىدە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى باش ئورۇنغا قويۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان كادىرلار قوشۇنىنى تاۋلاپ چىقىپ، «تۆت خاھىش» بىلەن چىرىكلىكنى تەڭ تەكشۈرۈش، تەڭ تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك.