چېن شياۋجياڭ، گاۋ شياڭ سۆز قىلدى، ئەركىن تۇنىياز ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى
جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ بازىسىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى گاۋ شياڭ سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىچكى - تاشقى ۋەزىيەتكە بولغان چوڭقۇر كۆزىتىشى ۋە شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش قانۇنىيىتىگە بولغان چوڭقۇر تەپەككۇرى مۇجەسسەملەنگەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئويلىنىشى ۋە سىياسىي ئەقىل - پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن، ئۇ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مەركەزلىك ئىپادىسى، شىنجاڭ خىزمىتى توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشقا، غەلىبىسېرى ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيدىغان كۈچلۈك ئىدىيەۋى قورال. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تەرەققىياتى ئەڭ ياخشى، ئۆزگىرىش ئەڭ زور، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشكەن تارىخىي مەزگىلگە قەدەم قويدى. بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار پىلانىنى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ۋە ھەرقايسى مۇتەخەسسىس، ئالىملارنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار چوڭ نەزەرىيە ۋە رېئال مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى نەزەرىيە تىرىكى ۋە ئەقلىي كۈچ مەدىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
گاۋ شياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتىن ئىبارەت ئىككى قاتلامدىن شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر بىر قاتار يۆنىلىش خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە سىستېمىلىق، ئىلمىي، ئومۇميۈزلۈك جاۋاب بېرىپ، پارتىيەمىزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە يەتكەنلىكىنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بېرىپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنىڭ ئىلمىي يەكۈنى ۋە نەزەرىيە ئىجادىيىتى، شىنجاڭ خىزمىتىنى توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش، پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشقا يېتەكلەيدىغان ھەرىكەت پىروگراممىسى. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ توغرا يېتەكچىلىكىدە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما گۈللەپ ياشنىغان تەرەققىيات يولىدا چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتى پارلاق ئىستىقبالىنى نامايان قىلماقتا. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر تەتقىقاتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىلىم بايلىقى ۋە ئىختىساسلىقلار ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا ئالاقىدار تەتقىقات كۈچلىرىنى بىرىكتۈرۈش ۋە بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ.
ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭدا جەمئىيەت ئومۇمىيىتى سىجىل مۇقىم بولدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى سىجىل چوڭقۇرلاشتى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قۇۋۋىتى كۈچلۈك بولدى، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. جەزمەن باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىدە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىمىز. مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇاڭ يىبىڭ، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى (مۇئاۋىن شۆيۈەن باشلىقى) گۇڭ ۋېيبىن، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىلىم - پەن بۆلۈمىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو تارىخ تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى گوچياڭ، جۇڭگو خەلق داشۆسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جېڭ شىنيې ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ تارىخىي ئورنى، ئىلمىي ماھىيەتلىك مەزمۇنى، ئەمەلىيەت ئۇلۇغ كۈچى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. مۇھاكىمە يىغىنىدا يەنە تۆت پاراللېل مۇنبەر ئۆتكۈزۈلدى.
ۋاڭ جيەنشىن ۋە جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ رۇي رىياسەتچىلىك قىلدى، ليۇ جيەنمىڭ قاتناشتى. مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىدىكى يولداشلار، مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتناشتى.
باشلىنىش مۇراسىمىدىن كېيىن، چېن شياۋجياڭ، گاۋ شياڭ، ئەركىن تۇنىياز، جاۋ رۇي جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ بازىسىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى ھەم ئالاقىدار خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.