خۇاڭ كۇنمىڭ، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز، خې جۇڭيوۋ پائالىيەتكە قاتناشتى
9 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىن 6 - كۈنىگىچە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى. سۈرەتتە: 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى قەشقەردە ئېچىلدى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، قەشقەر، 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىن 6 - كۈنىگىچە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى. ئىككى تەرەپ خىزمەت سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، 10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، شىنجاڭ، گۇاڭدۇڭ ئىككى جاينىڭ ئەمەلىي ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ كۇنمىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى قەشقەردە ئېچىلدى. خۇاڭ كۇنمىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئۇزاقتىن بۇيان گۇاڭدۇڭنىڭ خىزمىتىنى قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش قانۇنىيىتىنى تونۇش ۋە ئىگىلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىغا 70 يىل بولغان بۇ مۇھىم ۋاقىت تۈگۈنىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭ قەشقەرگە ۋە بىڭتۇەن 3 - شىغا بېرىپ ئۆگىنىش، ئالماشتۇرۇشتا بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭدا تۈرلۈك كەسىپلەر گۈللەنگەن، تىنچ - ئىناق بولغان گۈزەل مەنزىرىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما بىر مەقسەتتە پارتىيەگە تەلپۈنىدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان ئىناق ۋە گۈزەل كەيپىياتنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى، كۆپچىلىك شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلاردا قولغا كەلتۈرگەن يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى كۆرۈپ چىن قەلبىدىن خۇشال بولدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى فاڭجېن - سىياسەتلىرى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدى. گۇاڭدۇڭ قەتئىي تۈردە ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەۋى تونۇشنى «ئىككى ئومۇمىيەت» يۈكسەكلىكىدىن چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مەۋقەنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا قويۇپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭ بىلەن قول تۇتۇشۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ. قەلبلەرنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت بۇ نېگىزنى چىڭ كۆزلەپ، شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە كۈچ قوشىدۇ. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم نۇقتىنى چىڭ كۆزلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يۆنىلىش قىلىپ، كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى دەل جايىدا قانات يايدۇرۇپ، سالماقنى زورايتىپ شۇ جاينىڭ شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىنى قوللاپ، خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشى بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ياخشى ئىشلەپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى تېزلىتىشكە كۈچ قوشىدۇ. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىدىن ئىبارەت بۇ پۇرسەتنى چىڭ كۆزلەپ ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىپ، سىڭىشىپ، قول تۇتۇشۇپ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشنى تۇتاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خاس ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلار ۋە مەدەنىيەت - ساياھەت بايلىقىنى ئۆزئارا كېڭەيتىش، ئۆزئارا تونۇشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ئۇزاق مۇددەتلىك بولۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشتىن ئىبارەت بۇ تەلەپنى چىڭ كۆزلەپ، «15 - بەش يىل»لىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يىرىك پىلانىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ياخشى تۈزۈپ، دائىملىق ئالاقىلىشىش، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىغا ئەلالارنى تاللاپ، كۈچلۈكلەرنى سەپلەپ، جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنى تېخىمۇ كەڭ سەپەرۋەر قىلىپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە يېڭى، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.
چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن ياردەم بەرگەنلىكى ۋە گۇاڭدۇڭدىن كېلىپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ خالىس ئۆزىنى بېغىشلىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە رىشتە باغلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بەردى، يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بەردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىنى قوللاپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكى ۋە مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىنىڭ غايەت زور ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت دەپ بىلىپ، خەلق تۇرمۇشى بويىچە ياردەم بېرىش، كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش، ئىختىساسلىقلار، ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق چىن قەلبىدىن مىننەتدار بولدى، قەلبىدە چىڭ ساقلىدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى «1310» كونكرېت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تېز ئالغا سىلجىتتى، يەنى بىر نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، ئۈچ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قوزغىتىپ، ئون چوڭ يېڭى بۆسۈشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا ئالدىدا مېڭىپ، بىزگە ئۈلگە كۆرسىتىپ بەردى، ئۈلگە تىكلەپ بەردى. شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، 10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى بويىچە، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ قەلبلەرنى مۇجەسسەملەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ. مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، شىنجاڭ بىلەن گۇاڭدۇڭنىڭ ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپلەردە ھەمكارلىشىش، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاشنى كۈچەيتىپ، گۇاڭدۇڭ كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىنى قوللاپ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ قوشىدۇ.
سۆھبەت يىغىنىدا، ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ھەم گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش ئەھۋالى، گۇاڭدۇڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئايرىم - ئايرىم دوكلات قىلدى.
شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى قەشقەر شەھىرى ۋە بىڭتۇەن 3 - شى تۇمشۇق شەھىرىگە بېرىپ، مەكتەپ، ئاقىل ئەشيا ئوبوروتى پورتى، كەسىپلەر باغچە رايونى، داۋالاش ئاپپاراتى، مەدەنىيەت - تەنتەربىيە سورۇنى قاتارلىق جايلارغا كىرىپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئۈنۈمىنى چوڭقۇر تەكشۈردى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى يوقلىدى.
گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى رەھبەرلىرىدىن جاڭ خۇ، فېڭ جۇڭخۇا، گو يۇڭخاڭ، خۇ جىنجۈن، چېن لياڭشيەن، جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ما شۈلۇن، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، نيې جۇاڭ، خا زېڭيوۋ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.