ئەركىن تۇنىياز بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ چاقىلىق ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، چاقىلىق، 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چاقىلىق ناھىيەسىگە بېرىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، كەسىپ تەرەققىياتى، چوڭ - چوڭ تۈرلەر، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى ئىگىلەپ، بايلىق، رايون ئورنى قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپ ئەمەلىي كۈچىنى زورايتىپ، تەرەققىيات ئىقتىدار دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز چاقىلىق ناھىيەلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزى ھەم چاقىلىق بازارلىق ساقچىخانىغا بېرىپ، زىددىيەت - ماجىرالارنى «بىر پونكىت شەكلىدە قوبۇل قىلىش، بىرتۇتاش مۇرەسسە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش، پۈتۈن زەنجىرلىك ھەل قىلىش» خىزمەت مېخانىزمىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى، ساقچى كۈچلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىش، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇش قاتارلىق جەھەتتىكى ئەھۋاللارنى ئاڭلىدى ھەم مۇنداق تەلەپ قىلدى: تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك زىددىيەتلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنىڭ ياخشى ئالدىنى ئېلىپ، مەسىلىلەرنى ئاساسىي قاتلامدا ھەل قىلىش، مەنبەدىن تۈگىتىش كېرەك.
ئۇتام يېزىسىدىكى 10 مىڭ مولۇق چىلان ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدا، ئەركىن تۇنىياز ئېتىز بېشىغا بېرىپ، چىلاننىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى، بازار ئەھۋالى، ئىنچىكە پىششىقلاش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: تېرىشتىن پەرۋىش قىلىشقىچە بولغان پۈتۈن زەنجىرلىك ئۆلچەملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىنچىكە پىششىقلاشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، خاس داڭلىق ماركىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى قېزىپ، چاقىلىق چىلىنى داڭلىق ماركىسىنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىش كېرەك.
شىنجاڭ شىخەي يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال چەكلىك شىركىتىدە، ئەركىن تۇنىياز باتارېيە دەرىجىلىك لىتىي كاربونات تۈرى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەم مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيالنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسەت مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، 2 - قارارلىق لىتىي كاربونات تۈرىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، لىتىيلىق باتارېيە پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى پائال بەرپا قىلىش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭ ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ لوۋلەن يېڭى ماتېرىيال تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ، 2 - قارارلىق يىلىغا 100 مىڭ توننا سانائەتتە ئىشلىتىدىغان كىرېمنېي ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: كىرېمنىينى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىيال كەسىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئېنېرگىيە تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا يېشىل ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز يەنە زاۋئەن يىجەن قاتارلىق مېھمانخانا، ئائىلىۋى مېھمانخانىلارغا باردى ھەم مۇنداق كۆرسەتتى: يېزا ئىگىلىكى - مەدەنىيەت - ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىگە تايىنىپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، كەنتلەرنىڭ قىياپىتىنى ياخشىلاپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلىش كېرەك. دېھقان تۇرسۇن ھاشىمنىڭ ئۆيىدە، ئەركىن تۇنىياز ئامما بىلەن مۇڭدىشىپ، ئۇلارنىڭ كىرىمى توغرىسىدا پاراڭلاشتى، ئۇلارنى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا ئىلھاملاندۇردى.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، مۇقىم جەمئىيەت مۇھىتى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى جۇشقۇن روھىنى مۇجەسسەملەش كېرەك. ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قەتئىي تۈزەپ، دىققەتنى يېزا كوللېكتىپىنىڭ مەبلىغى، مۈلكى، بايلىقىنى باشقۇرۇش، دەپنە ئىشلىرى، «مەكتەپ تامىقى»، ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش، ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى قاتارلىق ساھەلەردىكى مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا قانۇن بويىچە تۈرتكە بولۇش كېرەك.