چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز دەنماشى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لىن ۋېنشىڭ ۋە ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش ئالدىدىكى باش مۇدىرى جاڭ جىشيەن بىلەن كۆرۈشتى

2025-09-14 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىجاڭ گېزىتى خەۋىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئۈرۈمچىدە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە كەلگەن سىنگاپور دەنماشى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لىن ۋېنشىڭ ۋە ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش ئالدىدىكى باش مۇدىرى جاڭ جىشيەن ھەم ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

چېن شياۋجياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن لىن ۋېنشىڭ ۋە جاڭ جىشيەن ھەم ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى، ھەر مىللەت ئامما بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرمەكتە. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتتى، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى بېكىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشىگە، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى، شىنجاڭ تەرەققىيات ئەڭ ياخشى، ئۆزگىرىش ئەڭ زور بولغان، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشكەن تارىخىي مەزگىلگە قەدەم قويدى. شىنجاڭدا ئېنېرگىيە بايلىقى مول بولۇپ، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ئۆزگىچە، تەرەققىيات بوشلۇقى كەڭ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا، دەنماشى شىركىتىنىڭ دۇنياۋى يېڭىلىق يارىتىش تورى ۋە خەلقئارا كاپىتال بازىرىدىكى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ بىلەن بولغان كەسىپ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى ۋە شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، سىنگاپوردىكى تېخىمۇ كۆپ كارخانىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن سىنگاپورنىڭ يەرلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

لىن ۋېنشىڭ، جاڭ جىشيەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەبرىكلىدى ھەم مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ يېشىل ئېنېرگىيە، سىرتقا ئېچىۋېتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكى ئۆزگىچە، تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك، يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، بۇ قېتىمقى كۆزدىن كەچۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، شىنجاڭغا بولغان تونۇش ۋە چۈشىنىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق پايدا ئېلىش ئاساسىدىكى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

چېن ۋېيجۈن، ئېلزات ئەخمەتجان، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.