ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكلەش خاراكتېرلىك ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2025-09-15 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكلەش خاراكتېرلىك ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز، خې جۇڭيوۋ، چېن مىڭگو قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەزنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش مۇھاكىمە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن مىڭگو يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ 2025 - يىللىق ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكلەش خاراكتېرلىك ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، «بىرىنچى باشلىق» ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، ئۆزى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىيەت ئېڭى ۋە سىستېمىلىق قاراشنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش ۋە باھالاشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەش ئىسلاھاتىدىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە خىزمەتتىكى ھەرىكەت ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈم - مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىپ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى مائارىپىنى كۈچەيتىپ، ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت زاپاس ئاشلىق باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە دۆلەت ئىلكىدىكى ئاشلىق كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئاساسىي قاتلامنىڭ جىددىي تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مەمۇرىي ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، مەمۇرىي ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشكە تۈرتكە بولۇش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەرلىك زاپاس ئاشلىق سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاشلىقتا «ھوسۇلنى كۆپەيتىش، ئامبارنى كۆپەيتىش، زاپاسنى كۆپەيتىش» مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ زاپاس ساقلاش ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئاشلىق بازىرى تەرتىپىنى قوغداپ، دۆلەت ئىلكىدىكى ئاشلىق كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى قوللاپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك. خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى باشتىن - ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ جىددىي تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش تەشكىلىي قوماندانلىق سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئەمەلىي جەڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ جىددىي تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش تىرىكى كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ، مەھكەم ساقلاش كېرەك. مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، مەمۇرىي ئۈنۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىي ھوقۇقنى قانۇن بويىچە تەرتىپلىك، ئىلمىي ھالدا مۇۋاپىق تۆۋەنگە بېرىشنى ئالغا سىلجىتىپ، «ھەربىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش»كە پۇختا تۈرتكە بولۇپ، مەمۇرىي مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى كۈچەيتىش كېرەك.

چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئەزا ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.