ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى
يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش مۇھاكىمە قىلىندى
چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرى مۇھاكىمە قىلىندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن كاتتا ھەربىي پارات مۇراسىمىدا، تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاش، قۇربان بولغان قەھرىمانلارنى ياد ئېتىش، تىنچلىقنى قەدىرلەش، كەلگۈسىنى يارىتىش قەتئىي ئىرادىسىنى تەنتەنىلىك جاكارلاپ، مىللەت روھىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى، ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى زور دەرىجىدە قوزغاتتى، كۈرەش قىلىش كۈچىنى زور دەرىجىدە مۇجەسسەملىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۇلۇغ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش قىياپىتى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈپ چىقىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ توردا ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى كۆپ خىل يول، كۆپ خىل شەكىلدە ياخشى سۆزلەپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغان 70 يىل، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تولۇق نامايان قىلىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەت ئالاھىدە ئىش ئورنىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرىگە قايتۇرغان جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلەش كېرەك.
يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يىرىك پىلانى (2025 - يىلىدىن 2027 - يىلىغىچە) مۇھاكىمە قىلىندى ۋە قاراپ چىقىلدى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېزا - كەنت خاس كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسىنى بەرپا قىلىپ، يېزا - كەنت كادىرلار قوشۇنىنى كۈچلۈك قۇرۇپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە ئاتلىنىشقا جەلپ قىلىپ، يېزا - كەنت مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈپ، يېڭى دەۋر مەدەنىي يېزا ئىستىلى يېتىلدۈرۈپ، يېزا - كەنت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، يېزىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.