باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

2025-09-20 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى

چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ خۇلاسە دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن ئۇرغۇپ چىققان ئىشەنچ، ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى، كۆتۈرەڭگۈ روھتىن تولۇق ياخشى پايدىلىنىپ، ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپ بويىچە ياخشى ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاش، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتىكى قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچىنى ھەقىقىي مۇجەسسەملەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

يىغىندا مەركەزنىڭ ساھە جەمئىيەتلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى ساھە جەمئىيەتلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ساھە جەمئىيەتلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئىككى يېڭى» خىزمەت كومىتېتىنىڭ ھەرىكەت مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي سىستېمىسى ۋە پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ساھە جەمئىيەتلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىنىڭ قېلىپلاشقان، ساغلام، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇشقا دائىر سىياسەت - تەدبىرلەر مۇھاكىمە قىلىندى، قاراپ چىقىلدى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئۇللۇق، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى چوڭقۇر، ياخشى يولغا قويۇشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، قەلبلەرنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەش كېرەك.

يىغىندا قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش لايىھەسى مۇھاكىمە قىلىندى، قاراپ چىقىلدى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، «ئۈچ شىمال روھى» «كۆكيار روھى»نى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى تەجرىبىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك ئاساسىي گەۋدىلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ئورمان، ئوتلاق سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى ۋە تېخنىكا يولىنى ئىلمىي بېكىتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش - ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە دائىر بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇپ، قۇملۇققا ماس كېلىدىغان كەسىپلەرنى ئىلمىي تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نۇقتا، لىنىيە، دائىرە بىرلەشتۈرۈلگەن ئېكولوگىيە مۇھاپىزەت تورىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.