زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ياڭ ۋەنمىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى
شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە دومىنىكا پالاتاسىنىڭ باشلىقى ئىساق، لىبېرىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى كۇئېن قاتارلىق 2025 - يىللىق خەلقئارا پارلامېنت ئەزالىرى دوستانە ئالماشتۇرۇش مۇنبىرىگە قاتناشقان جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى.
لائوس پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سۇڭما، سېربىيە خەلق پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جېرلېك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، جۇڭگو خەلق تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ ۋەنمىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
چېن شياۋجياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، ھەرقايسى ئەزىز مېھمانلارنىڭ كەلگەنلىكىنى سەمىمىي قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، 70 يىلدىن بۇيان تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تەرەققىيات ئەڭ ياخشى، ئۆزگىرىش ئەڭ زور بولغان، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشكەن تارىخىي مەزگىلگە قەدەم قويدى، تىنچ - ئىناق بولغان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان يېڭى كەيپىيات نامايان بولدى. شىنجاڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى تولۇق راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دېموكراتىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇردى، ھەر مىللەت خەلق دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشى ۋە جەمئىيەت تۇرمۇشىغا كەڭ دائىرىدە قاتناشتى، دېموكراتىك سايلام، دېموكراتىك كېڭىشىش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك باشقۇرۇش، دېموكراتىك نازارەت قىلىشقا پۈتۈن جەريانلىق قاتناشتى. دېموكراتىك بولۇش - بولماسلىقتىكى ئاچقۇچ خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ھەقىقىي نامايان قىلىپ، خەلقنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش - ئاشۇرالماسلىقتا. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ئوخشاش ئەمەس، تۇرۇۋاتقان تەرەققىيات باسقۇچى ئوخشاش ئەمەس، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش ئاساسىدا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. ھەرقايسى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە دېموكراتىيە قۇرۇلۇشى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، توغرا ۋە ئېنىق چۈشەنچىلەرنى ئېلان قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
قىسمەن دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ئىلگىرى - كېيىن سۆز قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى سۆزلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە كەم بولسا بولمايدىغان رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتىدۇ. ئۆتكەن بىرنەچچە كۈندە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولۇپ، شىنجاڭدا ئىقتىساد گۈللەنگەن، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان، خەلق بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان خۇشاللىنارلىق مەنزىرىنى كۆردۇق، شىنجاڭ قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدۇ. بۇ قېتىمقى مۇنبەر ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ھەمبەھرىلەش، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنىڭ قىممەتلىك پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى، كۈنسېرى مۇرەككەپلىشىۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەر قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى ئارا ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.
چېن ۋېيجۈن ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، جۇڭگو خەلق تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، قىسمەن ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.