ئىستىل قۇرۇلۇشىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى كۈچلۈك ئىستىل كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

2025-09-15 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

ئىستىل قۇرۇلۇشىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى كۈچلۈك ئىستىل كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنىڭ روھى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىرىدىن جاڭ جۇ، چېن مىڭگو يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتىن ئىستىل مەسىلىسىنى تونۇش ۋە ئۇنىڭغا مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دائىم تۇتۇش، چوڭقۇر تۇتۇش، ئۇزاققىچە تۇتۇش ئىدىيەۋى قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭ قىلىش مەقسىتى، قەتئىي ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا بوشاشماي كۈرەش قىلىش، كىشىلەرنى تەربىيەلەپ يېڭى كەيپىيات يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى كۈچلۈك ئىستىل كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، باشتىن - ئاخىر سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. ئىستىل تەربىيەسىنى سىجىل كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۇزاق مەزگىللىك سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئىدىيەۋى مۇداپىئە سېپىنى سىجىل مۇستەھكەملەش كېرەك. تۈزىتىش - تۈزەشنى سىجىل كۈچەيتىپ، مەسىلىلەرنى بايقاش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش دائىملىق مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، تۈزىتىلگەن تۈرلۈك گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا «قايتا تەكشۈرۈش» ئېلىپ بېرىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاخىرغىچە تۇتۇش، ئاخىرغىچە قاتتىق تۇتۇشتىن ئىبارەت كۈچلۈك سىگنالنى سىجىل تارقىتىش كېرەك. نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامىنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈندىلىك نازارەتچىلىكى بىلەن باشقا تۈرلۈك نازارەتچىلىكنى تۇتاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، «تۆت خاھىش» بىلەن چىرىكلىكنى تەڭ تەكشۈرۈش، تەڭ تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك. ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى سىجىل قېلىپلاشتۇرۇپ، تۈزۈم قەپىزىنى چىڭىتىپ، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ھوقۇقنى ئادىل ئىشلىتىش، ھوقۇقنى قانۇن بويىچە ئىشلىتىش، ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىش، ھوقۇقنى پاك ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى سىجىل كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشى، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشى، خەلققە بەخت يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ئۆگىنىش - تەربىيەسى بويىچە ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.