ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى

2025-09-16 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

لياڭ يەنشۇن، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز، خې جۇڭيوۋ پائالىيەتكە قاتناشتى

9 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىن 14 - كۈنىگىچە، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى. سۈرەتتە: 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ئەنخۇي ئۆلكىسى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىن 14 - كۈنىگىچە، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى. ئىككى تەرەپ خىزمەت سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، 10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ۋە شىنجاڭ بىلەن ئەنخۇي ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى. ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لياڭ يەنشۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئەنخۇي ئۆلكىسى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. لياڭ يەنشۇن ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن شىنجاڭنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ئەنخۇينىڭ تەرەققىياتىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 2010 - يىلىدىن بۇيان، ئەنخۇي باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش، خەلقنى بېيىتىش، خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتۇرۇش، قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇش، ئاساسنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت «بەش چوڭ قۇرۇلۇش»نى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، خوتەن ھەم گۇمىنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. بىز مەۋقەنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا قويۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت زور سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي، پۇختا زىممىمىزگە ئېلىپ، ئەنخۇي ۋە گۇما ئىككى تەرەپنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «15 - بەش يىل»لىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئىلمىي پىلانلاپ، بىر تۈركۈم تەسىر كۆرسىتىش خاراكتېرى كۈچلۈك بولغان چوڭ - چوڭ تۈرلەر، چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا داۋالاش ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، گۇمىنىڭ تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى كۈچەيتىشىگە كۈچ قوشۇپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى ماسلاشتۇرۇش، ئۆزئارا كۈچ قوشۇش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز.

چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن ياردەم بەرگەنلىكى ۋە ئەنخۇيدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ خالىس تۆھپە قوشقانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە رىشتە باغلىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇش، تەرەققىيات ئىشلىرىنى قوللاپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ۋە مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئەنخۇي ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، دىققەتنى خەلق تۇرمۇشى، كەسىپ، ئەقلىي كۈچ، مەدەنىيەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆپ نۇقتىدىن كۈچەپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان بىر تۈركۈم ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بۇنىڭغا چىن قەلبىدىن مىننەتدار. بۇ يىل ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شىنجاڭ 10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئەنخۇي بىلەن بولغان ھەمكارلىشىش، ئۇدۇللىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە شىنجاڭ - ئەنخۇي ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىدۇ.

سۆھبەت يىغىنىدا، ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئەنخۇي بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش ئەھۋالى، ئەنخۇينىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئايرىم - ئايرىم دوكلات قىلدى.

شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، ۋەكىللەر ئۆمىكى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسىگە بېرىپ، تېرىقچىلىق بازىسى، مەكتەپ قاتارلىق جايلارغا كىرىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئۈنۈمىنى تەكشۈردى، چوڭقۇر سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى يوقلىدى.

ئەنخۇي ئۆلكىسى رەھبەرلىرىدىن سۈن خۇڭمېي، شەن شياڭچيەن، جاڭ شۇگۇاڭ، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ۋاڭ گاڭ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.