2025 - يىللىق خەلقئارا پارلامېنت ئەزالىرى دوستانە ئالماشتۇرۇش مۇنبىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

2025-09-16 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شۆھرەت زاكىر ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى، چېن شياۋجياڭ سۆز قىلدى، ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى

60تىن ئارتۇق چەت ئەل پارلامېنت ئەزاسى، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ياڭ ۋەنمىڭ، چېن مىڭگو قاتناشتى

9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، 2025 - يىللىق خەلقئارا پارلامېنت ئەزالىرى دوستانە ئالماشتۇرۇش مۇنبىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۆھرەت زاكىر مۇنبەرگە قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، 2025 - يىللىق خەلقئارا پارلامېنت ئەزالىرى دوستانە ئالماشتۇرۇش مۇنبىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، باش تېمىسى «دۇنياۋى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئورتاق تەرەققىياتنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرەيلى». مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۆھرەت زاكىر مۇنبەرگە قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى.

بەش چوڭ قىتئەدىن كەلگەن 60تىن ئارتۇق چەت ئەل پارلامېنت ئەزاسى قاتارلىق 260تىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. لىبېرىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى كۇئېن، سېربىيە خەلق پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جېرلېك، يېڭى زېلاندىيەنىڭ سابىق پارلامېنت باشلىقى كارتېر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، جۇڭگو خەلق تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ ۋەنمىڭ سۆز قىلدى. دومىنىكا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ئىساق، لائوس پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سۇڭما، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن مىڭگو قاتناشتى.

شۆھرەت زاكىر مۇنداق كۆرسەتتى: رەئىس شى جىنپىڭ دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتىنى تەقدىم قىلدى، جۇڭگو لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. پارلامېنت قانۇن چىقىرىش ئورگىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار ھەم ئىقتىدارى بار. ھەرقايسى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ مۇنبەرنىڭ باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، توغرا ۋە ئېنىق چۈشەنچىلەرنى ھەمبەھرىلەپ، تەجرىبىلەرنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىش - ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، دۇنيانىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى مۇنبەرنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ۋە يەرلىكتىكى پارلامېنتلار ئارا دوستانە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا دوستلۇقنى كۈچەيتىشنى خالايمىز.

كۇئېن مۇنداق بىلدۈردى: دۇنيا زور ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان پەيتتە، مۇستەھكەم بولغان پارلامېنتلار دوستلۇقى ئورنىتىش ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىق روھىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتتى. مۇنبەر ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش، چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كۈچنى مۇجەسسەملەش ئۈچۈن پۇرسەت ۋە سۇپا ھازىرلاپ بەردى، بۇ، جەزمەن دۇنياۋى قارالمىلارنىڭ ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

جېرلېك مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو - سېربىيە ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت خەلقىگە گۈللىنىش، مۇقىملىق ۋە پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. سېربىيە تەرەپ جۇڭگو ۋە مەقسەت - نىشانى بىردەك بولغان ھەمراھلار بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ ھەممە ئادەم پۇرسەتتىن بەھرىمەن بولىدىغان، گۈللەنگەن ۋە مۇقىم بولغان دۇنيانى ئورتاق قۇرۇشنى خالايدۇ.

كارتېر مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو دۇنيادىكى تەرەققىياتى ئەڭ تېز بولغان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانماقتا. دۇنيا تەرتىپىدە داۋالغۇش، ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان ھازىرقى پەيتتە، جۇڭگو خەلقئارا ھەمكارلىقتا چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيەتچانلىقىنى پائال ئەمەلدە كۆرسىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق بىلدۈردى: خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ھالدا دۆلەت ئىشلىرىغا قاتنىشىشى، يەرلىكنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇشى، دېموكراتىك ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىنى كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىش ئاپپاراتلىرى بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىدۇ.

ياڭ ۋەنمىڭ مۇنداق بىلدۈردى: خەلقئارا پارلامېنت ئەزالىرى دوستانە ئالماشتۇرۇش مۇنبىرى ھەرقايسى دۆلەت پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ دوستانە ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا پارلامېنتلار ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. ھەرقايسى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ كەڭ - كۇشادە پىكىر بايان قىلىپ، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ دوستانە ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مۇنبەردە يەنە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىش، مىللىي رايون ئاپتونومىيەسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتى، ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى قوغداش قاتارلىق تېمىلارنى چۆرىدەپ يەتتە تارماق مۇنبەر ئۆتكۈزۈلدى.

چېن ۋېيجۈن ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، مەملىكەتلىك تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، قىسمەن ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار قاتناشتى.