شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ئالتۇن - كۈمۈش خاتىرە پۇلى تارقىتىلدى

2025-09-21 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ئالتۇن - كۈمۈش خاتىرە پۇلىنى تارقىتىش مۇراسىمى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئېلزات ئەخمەتجان پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى باش تېما قىلغان دۆلەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئالتۇن - كۈمۈش خاتىرە پۇلىنى تارقىتىش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا بولغان ئالاھىدە غەمخورلۇقىنىڭ بىۋاسىتە ئىپادىسى بولۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكى ۋە مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىنىڭ غايەت زور ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى.

تارقىتىش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ئالتۇن - كۈمۈش خاتىرە پۇلىنى تارقىتىش ئۇقتۇرۇشى ئوقۇپ ئۆتۈلدى، ئالتۇن - كۈمۈش خاتىرە پۇلىنىڭ تارقىتىلىش ئۆلچىمى، پۇل يۈزى ئېلېمېنتى، ماتېرىيال سۈپىتى ھۈنەر - سەنئىتى، سېتىش يولى قاتارلىق ئۇچۇرلار تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلدى ھەم ئالتۇن - كۈمۈش خاتىرە پۇلىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو جىنبى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا بىر يۈرۈش ئالتۇن - كۈمۈش خاتىرە پۇلى ئىئانە قىلدى، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىپ ساقلاش گۇۋاھنامىسىنى سوۋغا قىلدى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ئالتۇن - كۈمۈش بىر يۈرۈش خاتىرە پۇلى جەمئىي ئىككى تال بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتۇن خاتىرە پۇل بىر تال، كۈمۈش خاتىرە پۇل بىر تال، ئەڭ كۆپ تارقىتىلىش مىقدارى ئايرىم - ئايرىم 10 مىڭ تال، 20 مىڭ تال بولۇپ، ھەممىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن پۇلى. خاتىرە پۇلنىڭ ئوڭ يۈزىگە بىردەك جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گېربى نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن ھەم دۆلەت نامى، يىل نامى بېسىلغان؛ ئارقا يۈزىگە بىردەك شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ بەلگە نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ئانارگۈلى، جۈەنساۋۋېن بېزەك بىرىكمە لايىھەسى قوشۇمچە قىلىنغان ھەم «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى» دېگەن خەتلەرنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى نۇسخىسى، ئۇيغۇر يېزىقى نۇسخىسى ۋە پۇل سوممىسى بېسىلغان.