شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى جيانى، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، 6 - قېتىملىق ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆزىنى كۈچەيتىش، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش نەمۇنىچىلىرى ۋە مېيىپلەر خىزمىتىدىكى ئىلغارلارنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن مىڭگو قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مېيىپلەر ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئېلان قىلىپ ۋە مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت مېيىپلەر ئىشلىرىنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئومۇملۇقىغا قويۇپ بىرتۇتاش پىلانلاش، ماس ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇردى. بەش يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ مېيىپلەر خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىپ، مېيىپلەر ئىشلىرى سېلىنمىسى سىجىل ئاشۇرۇلدى؛ مېيىپلەرنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سالمىقى ئۈزلۈكسىز زورايتىلدى، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى؛ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈرۈلۈپ، ساغلاملىق ھوقۇق - مەنپەئىتى تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرۈلدى؛ ھوقۇق - مەنپەئەتنى قوغداش پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، باراۋەر ئورتاق بەھرىلىنىش ئىدىيەسى قەلبلەرگە تېخىمۇ چوڭقۇر سىڭدۈرۈلدى؛ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش شارائىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، ئۆزىنى كۈچەيتىش، ئۆزىگە تايىنىش ئىشەنچى تېخىمۇ چىڭىتىلدى؛ مەدەنىيەت تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز بېيىتىلىپ، روھىي قىياپىتى تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ بولدى؛ مېيىپلەرگە پائال ياردەم بېرىدىغان جەمئىيەت كۈچلىرى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، مېيىپلەرگە يار - يۆلەك بولۇش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش بىرىكمە كۈچى تېخىمۇ كۈچەيتىلدى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مېيىپلەر ئىشلىرى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مېيىپلەر ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى ۋە ئۇلارغا كۆيۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەت مېيىپلەرنى چۈشىنىدىغان، ھۆرمەتلەيدىغان، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، ياردەم بېرىدىغان ياخشى كەيپىياتنى پائال يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇش كېرەك. مېيىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مېيىپلەر ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مېيىپلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا يار - يۆلەك بولۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە مەشىق قىلىشىغا ياردەم بېرىش، مېيىپلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، مېيىپلەرنى ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى كۈچەيتىشكە رىغبەتلەندۈرۈش، جەمئىيەت كۈچلىرىنى مېيىپلەر ئىشلىرىغا كەڭ دائىرىدە قاتنىشىشقا ئۇيۇشتۇرۇش، تەشكىلىي رەھبەرلىك ۋە مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچ سەرپ قىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ باشتىن - ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا، ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆزىنى كۈچەيتىپ مېيىپلەرگە ياردەم بەرگەن نەمۇنىچىلار ۋە مېيىپلەر خىزمىتىدىكى ئىلغارلار ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 135 كىشى تەقدىرلەندى. مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر ۋەكىلى تەشەببۇسنامىنى ئوقۇدى.
مۇراسىمدىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مېيىپلەر خىزمىتى كومىتېتىنىڭ 2025 - يىللىق ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى.
ۋاڭ گوخې، مۇقىيات جارمۇقامەت، نۇرۇم ئىسمايىلقان قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە ۋە مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.