چېن شياۋجياڭ، ماۋ ۋېيمىڭ، ئەركىن تۇنىياز، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ پائالىيەتكە قاتناشتى
9 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىن 6 - كۈنىگىچە، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى. سۈرەتتە : 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە خۇنەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى ماۋ ۋېيمىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، تۇرپان، 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، لى ياڭ، جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىن 6 - كۈنىگىچە، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى. 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە خۇنەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى ماۋ ۋېيمىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن 10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ۋە ئىككى جاينىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە ئورتاق تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى.
بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جۇ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسى قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، سوتسىيالىزم تۈزۈمى ۋە مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. خۇنەن ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، خۇنەننىڭ چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببىتى، قويۇق دوستلۇقىنى ئېلىپ كېلىپ، شىنجاڭغا خەلق تۇرمۇشى بويىچە ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما چىن قەلبىدىن مىننەتدار بولدى، قەلبىدە چىڭ ساقلىدى. شىنجاڭ 10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، خۇنەن بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، كەسىپلەردە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ قوشىدۇ.
ماۋ ۋېيمىڭ خۇنەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خۇنەننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا ھەم خۇنەندىن كېلىپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، كۆيۈنگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: خۇنەننىڭ شىنجاڭ بىلەن بولغان مېھىر - مۇھەببىتى چوڭقۇر، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىپ كەلدى، بولۇپمۇ 1998 - يىلى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىن ئىبارەت ئىككى جاينىڭ كەسىپلەر ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، ئىقتىساد - سودا ئالاقىسى سىجىل جانلاندى، خەلق تۇرمۇشى بويىچە ئورتاق بەرپا قىلىش پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش كۈنسېرى كۆپەيدى. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش، ئالماشتۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئارتۇقچىلىقى بىلەن خۇنەننىڭ ئەۋزەللىكىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ ماس تەرەققىياتىنى كۈچەيتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت - ساياھەت جەھەتتىكى ئالاقىلىشىش، يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشقا قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈشنى ئۈمىد قىلىمىز. خۇنەن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تۈر مەبلىغى سېلىنمىسىنى يەنىمۇ زورايتىپ، ئەلا، كۈچلۈك كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى تاللاپ ئەۋەتىپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشقا كۈچەپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن خۇنەن كۈچىنى قوشىدۇ.
شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىن ئىبارەت ئىككى جاي خۇنەن ئۆلكىسى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى خىزمەت سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كەسىپلەرنىڭ ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتىنى كۈچەيتىش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىن ئۇدۇللاشتۇردى. خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى تۇرپان شەھىرىدىكى مەكتەپ، دوختۇرخانا، ياشانغانلار ساغلاملىق - كۈتۈنۈش ئورنى، نۇقتىلىق كارخانا ۋە بىڭتۇەن 12 - شى 221 - تۇەنىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى تەكشۈردى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ۋە بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ چاقىلىق ناھىيەسىدە كەسىپ تەرەققىياتى، يېڭى ئېنېرگىيە تۈر قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تەكشۈردى.
خۇنەن ئۆلكىسى رەھبەرلىرىدىن جاڭ جيەنفېي، ساۋ جىچياڭ، لى مىن، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن، ۋاڭ گوخې، شۆ بىن، جىن جىجېن، خا زېڭيوۋ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.