ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى باش تېمىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ئاممىغا ئېچىۋېتىلىدۇ

2025-09-29 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىشى شىنخەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى باش تېمىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ئاممىغا ئېچىۋېتىلىدۇ.

باش تېمىلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشتىكى مۇھىم پائالىيەت. كۆرگەزمە ئاكتىپ كۈچكە تولغان بولۇپ، كىشىنى روھلاندۇرىدۇ، «بارچە مىللەت چېلىپ ساز يېڭى دۇنيانى ياراتتى» «جۇش ئۇرۇۋاتقان تىيانشاندا ئۇلۇغۋار پىلان نامايان بولدى» «گۈزەل شىنجاڭدا شانلىق نەتىجىلەر يارىتىلدى»دىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەك ئارقىلىق، 70 يىلدىن بۇيان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ قولغا كەلتۈرگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك نامايان قىلىنغان. كۆرگەزمە كۆلىمى 5500 كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، جەمئىي 1600 پارچىدىن ئارتۇق سۈرەت، 1400 پارچىدىن ئارتۇق ئەمەلىي بۇيۇم ۋە مودېل، كۆپ ۋاسىتىلىك سىن ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنۈش قاتارلىقلاردىن 150تىن ئارتۇقى كۆرگەزمە قىلىندى.

كۆرگەزمە ئورنى ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزى كۆرگەزمە سارىيى (ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى فېڭچى كوچىسى 111 - نومۇر)دا. ساراينىڭ ئېچىلىش ۋاقتى ھەر سەيشەنبە كۈنىدىن يەكشەنبە كۈنىگىچە سائەت 10:30دىن 19:00غىچە، سارايغا كىرىشنى توختىتىش ۋاقتى سائەت 18:30. ھەر دۈشەنبە كۈنى ساراي تاقىلىپ ئاسرىلىدۇ. 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىن باشلاپ، ئامما «ئانار بۇلۇت»APPسى ئارقىلىق، باش بەتتىكى باش تېمىلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنى ئامما ئالدىن كېلىشىش سىستېمىسىدا ھەقىقىي ئىسىم بويىچە ئالدىن كېلىشسە بولىدۇ. كوللېكتىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىشنى تېلېفون ئارقىلىق ئالدىن كېلىشسە بولىدۇ، ئالدىن كېلىشىش تېلېفونى 4181111 - 0991.