ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى

2025-10-01 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شەھەرلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلى ياڭخەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، شەھەرلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بېيجىڭ پوچتا - تېلېگراف داشۆسى بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى.

يىغىندا «يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شەھەرلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» مۇھاكىمە قىلىندى، ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ھەم تۇرالغۇ كاپالىتى ۋە ئۆي - زېمىن بازىرىنى تەڭشەش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى قوشۇپ ئېچىلدى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەركەز شەھەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شەھەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى شەھەر خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، شىنجاڭچە خاسلىققا ئىگە يېڭىلىق يارىتىلغان، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان، گۈزەل، ئەۋرىشىم، مەدەنىي، ئاقىل بولغان زامانىۋىلاشقان خەلقنىڭ شەھىرىنى بەرپا قىلىش كېرەك. شەھەر يېڭىلاش ھەرىكىتىنى تېخىمۇ كۈچلۈك يولغا قويۇپ، خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىشنى مۇۋاپىق ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر - بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنىڭ «كارىدور ئىنقىلابى» «مۇھىت ئىنقىلابى» «باشقۇرۇش ئىنقىلابى»نى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر ئىچىدىكى كەنتلەرنى ئۆزگەرتىش ۋە كونا كوچا رايونى، كونا زاۋۇت رايونىنى يېڭىلاش، ئۆزگەرتىشنى پائال پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئىقتىدار قوشۇش كېرەك. مائارىپ، داۋالاش، ياشانغانلار كۈتۈنۈش، ھاۋالىلىك بېقىش، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش، سودا، ئىستىراھەت، تەنتەربىيە، مەدەنىيەت، دەپنە ئىشلىرى قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى ئالدىن تولۇقلاپ، تىرىشىپ پۈتۈن مەزگىللىك دوستانە شەھەر بەرپا قىلىش كېرەك. تەمىناتنى ياخشىلاش، قالدۇقنى تۈگىتىش، ئىستېمال قىزغىنلىقىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئۆي - زېمىن تەرەققىياتى يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات» بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «15 - بەش يىل»لىق شەھەرلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى ئىلمىي ياخشى تۈزۈپ، «ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى كەسپىنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم مۇسابىقە يولى قىلىپ، سىياسەت تەمىناتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكا تىرىكىنى كۈچەيتىپ، بازار تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى بويىچە سورت يېتىشتۈرۈش، تەتقىق قىلىپ ئېچىش - يېڭىلىق يارىتىش، ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىنچىكە پىششىقلاش قاتارلىقلارغا تېز تۈرتكە بولۇپ، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى كەسپىنىڭ كۆلىمىنى كۈچەيتىش ۋە زورايتىش كېرەك. جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، سورتنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش - كۆپەيتىپ يېتىشتۈرۈش ھەم ئېكولوگىيە تېرىقچىلىقى قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ سالمىقىنى زورايتىپ، جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى تېرىقچىلىقىنى كۆلەملەشتۈرۈش، ئۆلچەملەشتۈرۈش، ئېكولوگىيەلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭيى دورىلىرىنى ئىجادىي تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى قوللاپ، جۇڭيى دورىلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى ساھەسىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇش كېرەك. جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى كەسپىدىكى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپ خىللاشقان مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىپ، «يېڭىلىق يارىتىش، مەبلەغ سېلىش، قەرز بېرىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش» قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى كەسىپ زەنجىرىدىكى كارخانىلارنى پۈتۈن زەنجىرلىك پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ رايون ئورنى، خاس بايلىقى ۋە كەسىپ سىياسىتى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بېيجىڭ پوچتا - تېلېگراف داشۆسىنىڭ پەن - تېخنىكا، مائارىپ، ئىختىساسلىقلار ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.