ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى
−تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ئەمەلىي ئىشلەيمىز
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار كەينى - كەينىدىن يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ھەم مۇنداق بىلدۈردى: تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ئەمەلىي ئىشلەپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمى:
جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز
9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمى بۆلۈم ئىشلىرى يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلدى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى بىرلىك سەپ سىستېمىسى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشى كېرەك. تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، بىرلىك سەپ تەركىبىدىكىلەرگە بولغان ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كەڭ ئىدىيەۋى ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش كېرەك. ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، سىستېمىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساسنى كۈچەيتىش، ئۇلنى مۇستەھكەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، بىرلىك سەپ ساھەسىدىكى ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەردە يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى:
شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى پۇختا زىممىگە ئالىمىز
9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى بۆلۈم ئىشلىرى يىغىنى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي پۇختا زىممىگە ئېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى بىلەن ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش كېرەك؛ يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، سىياسىي يېتەكچىلىك ۋە مۇلازىمەت قىلىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى تۈرلۈك تەشكىلات ۋە كىشىلەر توپىنى جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك؛ ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، خەلقنىڭ تەكلىپلىرىنى توپلاش خىزمىتىگە ياخشى يېتەكچىلىك قىلىپ، پىدائىيلىق مۇلازىمىتى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت خىزمىتى كەسپىي خادىملار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى:
يېڭى مۇساپىدە يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىمىز
9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى مەخسۇس تېمىدا يەتكۈزدى، ئۆگەندى. يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سوت مەھكىمىسى كادىر - ساقچىلىرى مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى قەلبىگە پۈكۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى، كۆيۈنۈشىنى مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، تىرىشىپ يېڭى مۇساپىدە يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىشى، يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە مەھكەم چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى سوت قىلىش فۇنكسىيەسىگە قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى قانۇن يۈرگۈزۈش، سوت قىلىش خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە، پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ دەۋا ھوقۇقى ۋە ئەمەلىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە باراۋەر قوغداپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ھەربىر دېلونى ياخشى سوت قىلىپ، خەلق ئاممىسىغا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتى:
شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدايمىز
9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتى پارتىيە كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى مەخسۇس تېمىدا يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك گۇڭئەن ئورگانلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، مۇھىم ئەھمىيىتى، مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتۇشى كېرەك. باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى خىزمەتتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىدە تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە يېڭىلىق يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى:
ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىققا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىمىزنى كۈچەيتىمىز
9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تەبىئىي بايلىق سىستېمىسىدىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان گېئولوگىيە، يىرىك پىلان، ئېكولوگىيە، ئىختىساسلىقلار، ئورمانچىلىق - ئوتلاقتىن ئىبارەت «بەش چوڭ جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» تارىخىي پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، سىياسەت پايدىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا دەل جايىدا قۇۋۋەت قوشۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى تەلەپ قىلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىققا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارى، كەسىپنىڭ تەقەززاسىنى چۆرىدەپ، نۇقتىلىق كان تۈرلىرىنى چارلاپ تەكشۈرۈشتە يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يەر ئامىلى كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتى:
ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشنى يۇقىرى سەۋىيەدە كېڭەيتىمىز
9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ۋە 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ۋە پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سودا ئىشلىرى سىستېمىسى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشنى يۇقىرى سەۋىيەلىك كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىشى كېرەك. جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنى يۇقىرى ئۆلچەملىك قۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى ئېگىزلىكى بەرپا قىلىش كېرەك؛ تاشقى سودا يېڭى قۇۋۋىتىنى قېزىپ ۋە يېتىلدۈرۈپ، تاشقى سودا ئاساسىي گەۋدىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك؛ پورتلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ياۋروپا - ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم تۈگۈن بەرپا قىلىش كېرەك؛ دىققەتنى ئىستېمالنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىستېمال يوشۇرۇن ئىقتىدارى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك؛ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش ۋە قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىشنى دەل جايىدا يولغا قويۇپ، رىقابەت كۈچىگە ئىگە كەسىپ توپىنى پائال يېتىلدۈرۈش كېرەك؛ تاشقى ئىقتىساد - سودا جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى سۇپىسىنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆرگەزمە كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش كېرەك.
(مۇخبىر لى ياڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار لى جيانى، جاڭ يۈنمېي، ياڭ شۇخەن، سۈي يۈنيەن، ۋاڭ يايۈن، خېي خۇڭۋېي)