ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئاچتى
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى
چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى توغرىسىدىكى مۇھىم بېغىشلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىدىكى يولداشلار ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، سىياسىي كېڭەشتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى داغدۇغىلىق، قىزغىن، ئەمەلىي ۋە ئاددىي، بىخەتەر، تەرتىپلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى، بۇ، شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى نامايان قىلىدىغان، يول ئىشەنچىنى نامايان قىلىدىغان بىر قېتىملىق كاتتا يىغىن بولدى، بۇ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان، كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان بىر قېتىملىق كاتتا يىغىن بولدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى زور دەرىجىدە رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە ئىلھاملاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ياخشى سىياسىي ئۈنۈم، جەمئىيەت ئۈنۈمى، ئاممىۋى پىكىر ئۈنۈمى قولغا كەلتۈرۈلدى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ ئىدىيەسى چوڭقۇر، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول، ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مەنىلىك بولۇپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش قانۇنىيىتىگە بولغان چوڭقۇر تەپەككۇرى، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى تولۇق نامايان قىلدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى يەنىمۇ بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى، بۇ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيۋىلىققا، ئىدىيەۋىلىككە، ئىستراتېگىيەلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە. ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مول ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە باشتىن - ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى ساقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتىن ئىبارەت شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى بۇ مۇھىم نۇقتىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، مۇقىملىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش پولات ئىستىھكامى بەرپا قىلىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىدىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە چوڭقۇر ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، دىققەتنى مەركىزىي كومىتېت بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»گە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈش، قەلبلەرنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئالاھىدە مۇھىملىقىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئەبەدىي ئەمىنلىككە پايدىلىق تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىڭتۇەننىڭ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى بۇ تۈپ كاپالەتنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم بېغىشلىمىسىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتى دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئومۇمىي تەرەققىيات پىكىر يولى، ئاساسلىق نىشان، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ۋە مۇھىم تەدبىرلەرنى ئىلمىي تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پىلانلاش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.