ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ ئالتە تىپىك مەسىلىنى ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2025-09-29 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتىخەۋىرى2025-يىلى دۆلەت بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ ئالتە تىپىك مەسىلىنى ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. كونكرېت تۆۋەندىكىچە:

قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق شۇجىسى چىن جيايوۋنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زىياپەت ۋە ساياھەت پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2013 - يىلىدىن 2024 - يىلىغىچە، چىن جيايوۋ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا نۇرغۇن باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغا قىلغان قاشتاش، ئىستېمال كارتىسى قاتارلىق سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان؛ خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى ئورۇنلاشتۇرغان زىياپەتنى كۆپ قېتىم قوبۇل قىلغان، ئالاقىدار خىراجەتنى خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى تۆلىگەن؛ خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغان ئىلى، ئالتاي قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ساياھەت قىلىشنى قوبۇل قىلغان، ئالاقىدار خىراجەتنى خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى تۆلىگەن. چىن جيايوۋدا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش كاتىپى، 2 - دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى جاۋ چياڭنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زىياپەتنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2013 - يىلىدىن 2024 - يىلىغىچە، جاۋ چياڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا نۇرغۇن باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغا قىلغان ئالىي دەرىجىلىك ئاق ھاراق، قاشتاش قاتارلىق سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان؛ خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى ئورۇنلاشتۇرغان زىياپەتنى كۆپ قېتىم قوبۇل قىلغان، ئالاقىدار خىراجەتنى خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى تۆلىگەن. جاۋ چياڭدا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

خوتەن ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، سابىق مەكتەپ مۇدىرى تۇردى سىدىقنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زىياپەتنى قوبۇل قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى ئىشلىتىش، سەپلەش قاتارلىق مەسىلىسى. 2013 - يىلىدىن 2024 - يىلىغىچە تۇردى سىدىق بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا نۇرغۇن باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغا قىلغان ئالىي دەرىجىلىك ھاراق - تاماكا، يان تېلېفون قاتارلىق سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان؛ خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى ئورۇنلاشتۇرغان زىياپەتنى كۆپ قېتىم قوبۇل قىلغان، ئالاقىدار خىراجەتنى خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى تۆلىگەن؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىدارىگە ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ ئاپتوموبىل ئىجارە ئېلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۆزى ئىشلەتكەن. تۇردى سىدىقتا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق جۇڭيى دوختۇرخانىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، سابىق دوختۇرخانا باشلىقى ئەن جۈننىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان ساياھەت پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىش، ئۆزى تۆلەشكە تېگىشلىك خىراجەتنى باشقىلارغا تۆلىتىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2013 - يىلىدىن 2023 - يىلىغىچە، ئەن جۈن بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا نۇرغۇن باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغا قىلغان ئالىي دەرىجىلىك ھاراق - تاماكا، ئىستېمال كارتىسى قاتارلىق سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان؛ خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى ئورۇنلاشتۇرغان ۋۇۋېي قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ساياھەت قىلىشنى قوبۇل قىلغان، ئالاقىدار خىراجەتنى خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى تۆلىگەن؛ خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرىنى ھارپا كېچىسى تامىقى قاتارلىق خىراجەتلەرنى تۆلەشكە ئورۇنلاشتۇرغان. ئەن جۈندە يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، سابىق مۇئاۋىن رايون باشلىقى خالمۇرات دىلمۇراتنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم ئېلىش، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زىياپەتنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2016 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە، خالمۇرات دىلمۇرات بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا نۇرغۇن باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغا قىلغان ئالىي دەرىجىلىك ھاراق - تاماكا قاتارلىق سوۋغاتلىق بۇيۇملارنى ئالغان؛ خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى ئورۇنلاشتۇرغان زىياپەتنى كۆپ قېتىم قوبۇل قىلغان، ئالاقىدار خىراجەتنى خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى تۆلىگەن. خالمۇرات دىلمۇراتتا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، سابىق مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى ليۇ گۇاڭنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ سوۋغاتلىق بۇيۇم ئېلىش، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زىياپەتنى قوبۇل قىلىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2016 - يىلىدىن 2024 - يىلىغىچە، ليۇ گۇاڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا نۇرغۇن باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغا قىلغان ئالىي دەرىجىلىك ھاراق - تاماكا قاتارلىق سوۋغاتلىق بۇيۇملارنى ئالغان؛ خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى ئورۇنلاشتۇرغان زىياپەتنى كۆپ قېتىم قوبۇل قىلغان، ئالاقىدار خىراجەتنى خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى تۆلىگەن؛ ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كاماندىروپكىغا چىقىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ شيامېننى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىپ، ئالاقىدار خىراجەتنى ھۆكۈمەت پۇلىغا ئاتچوت قىلدۇرغان. ليۇ گۇاڭدا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئالتە دېلو مىسالىنىڭ ھەممىسى نەپسىنى يىغمىغانلار، قولىنى تارتمىغانلارنىڭ تىپىك مىسالى ھېسابلىنىدۇ، بەزىلىرى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئالغان، بەزىلىرى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زىياپەتنى قوبۇل قىلغان، شەخسىي چىقىمىنى تۆلەتكۈزگەن، بەزىلىرى ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلغان، بەزىلىرى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى سەپلەپ ئىشلەتكەن، بۇ، «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنى ئاسانلىقچە تۈگەتكىلى بولمايدىغانلىقى، قايتىلىنىدىغانلىقىنى، بەزى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ يەنىلا ئىنتىزام ۋە قائىدىگە پەرۋا قىلماي، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولغانلىقى، ئىنتىزامغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى پولاتتەك قائىدە، قاتتىق ئۆلچەم، ھەربىر تۈگۈن ئىستىل قۇرۇلۇشىغا بولغان بىر قېتىملىق سىناق، جەزمەن تۈگۈننى چىڭ ساقلاپ، قىلچە يول قويماي، كىچىك غەلىبىلەر ئارقىلىق چوڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

دۆلەت بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى تېخىمۇ يۇقىرى سىياسىي يۈكسەكلىك بىلەن، ئىستىل قۇرۇلۇشىغا بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئادا قىلىپ، تەۋەلىكنى قاتتىق باشقۇرۇپ، دائىم تۇتۇش، چوڭقۇرلاپ تۇتۇش، ئۇزاققىچە تۇتۇش ئىدىيەۋى قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، كادىرلارنى قاتتىق تەربىيەلەپ ۋە باشقۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىغا قاتتىق رىئايە قىلىدىغان ياخشى ئادەتنى ئاڭلىق يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەپ، ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىپ، «تۆت خاھىش»تىن ئىبارەت جاھىل ئىللەتكە قاتتىق زەربە بېرىپ ۋە ئۇنى تۈزەپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار دېلولاردىن ئىبرەت ئېلىپ، ساۋاقنى قوبۇل قىلىپ، ھەر ۋاقىت كاللىسىنى سەگەك تۇتۇپ، ئاڭلىق ھالدا چىرىكلىشىش - ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدىيەۋى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەلبكە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيەۋىلىك ساپاسىنى سىجىل تاۋلاپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ھوقۇقنى پاك ئىشلىتىش، پاكىز ئىش قىلىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە قاتتىق بولۇش تەلىپىنى كۈندىلىك خىزمەت ۋە تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان «پاك» بايرام ئۆتكۈزۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق بولۇش، ئاخىرغىچە قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشكە، «ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يىلى» ھەرىكىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. باشتىن - ئاخىر قىلچە يول قويماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش، نازارەت قىلىش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، ئىنتىزامغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، تېز بىر تەرەپ قىلىش، ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك، يوشۇرۇن ئۆزگىرىۋاتقان قىلمىشلارنى دەل جايىدا بايقاپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تۈزەپ، «تۆت خاھىش» بىلەن چىرىكلىكنى تەڭ تەكشۈرۈش، تەڭ تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىجىلتىش كېرەك. تۈگۈنلەرنى نازارەت قىلىشتىكى ئۈنۈملۈك تەجرىبە، ئۇسۇللاردا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاشكارا كۆزىتىش، يوشۇرۇن تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بايرام مەزگىلىدە ئاسان، كۆپ يۈز بېرىدىغان «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنى قەتئىي توسۇپ، يېڭى ئىستىل، توغرا كەيپىياتنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ناچار ئۆرپ - ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، كۈچەپ ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان بايرام كەيپىياتى يارىتىش كېرەك.