− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈردى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
9 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن 25 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بۇنىڭدىن زور ئىلھام ئالدى، ھەسسىلەپ غەيرەتكە كەلدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز.
بايراق يۆنىلىشكە يېتەكچىلىك قىلدى، بايراق كۈچنى مۇجەسسەملىدى. «پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ تۈپ كاپالىتى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم ھۆكۈمى شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئىشلىرىدا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى يادرولۇق شىفىرنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ بەردى.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) پارتىيە تارىخى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دوتسېنت ماۋ جىچياڭ مۇنداق قارىدى: پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئومۇملۇقنى ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغاندىلا، ئاندىن شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئىشلىرىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، ئاندىن ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.
نەزەرىيە ھەرىكەتنىڭ يېتەكچىسى. شايار ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جوۋ ۋېنخۇي مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى زۆرۈر دەرسلىك، دائىملىق دەرسلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كادىرلار چوڭ دەرسخانىسى ئۇيۇشتۇرۇش، پارتىيە مەكتىپىدە نۆۋەت بىلەن تەربىيەلەش، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرگە ئۆگىنىشكە بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى ھەقىقىي تۈردە غايىنى چىڭىتىش، پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشقا يېتەكلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شاياردا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.
«باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىگە مۇجەسسەملەنگەن ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما، ئەمەلىيەت تەلىپى بىزنىڭ تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىمىز، خىزمەت پىكىر يولىنى پىلانلىشىمىزنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.» ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فەن شىڭشەن مۇنداق بىلدۈردى: قەتئىي تەۋرەنمەي مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كادىرلارنى يېتىشتۈرىدىغان، چېنىقتۇرىدىغان ئاساسىي بازا ۋە چوڭ دەرسخانا قىلىپ، كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇپ، كادىرلارنى بىرىنچى سەپتە يېتىشتۈرۈش، چېنىقتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، كەڭ كادىرلارنىڭ ئەمەلىيەت داۋامىدا جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەردىن قورقمايدىغان، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدىغان ئىرادە - پەزىلىتىنى ئۈزلۈكسىز تاۋلاپ، ئامما بىلەن ئىتتىپاقلىشىش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى تىزگىنلەش ئىقتىدار - قابىلىيىتىنى كۈچەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە كۈچلۈك، ئىقتىدار جەھەتتە كۈچلۈك، ئىستىل جەھەتتە دۇرۇس بولغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىمىز.
«باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك.» تۇرپان شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاڭ بەيپېڭ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت خاھىش» بىلەن چىرىكلىكنى تەڭ تەكشۈرۈش، تەڭ تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت خاھىش» بىلەن چىرىكلىك گىرەلىشىپ كەتكەن مەسىلىلەرنى قاتتىق جازالاپ، دېلو بېجىرىش، تۈزەش، نازارەت قىلىش، تەربىيەلەشنى تۇتاشتۇرۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، سىستېمىلىق تۈزەشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىمىز؛ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي قاتلامغىچە ئۇزارتىلىشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشتىكى ئەمەلىي نەتىجە ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، خەلق ئاممىسىغا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇقىنىڭ يېنىدىلا ئىكەنلىكىنى، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ يېنىدىلا ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرىمىز.
ئاساسىي قاتلام كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ، ئاساسىي قاتلام تىنچ بولسا جاھان تىنچ بولىدۇ.
«باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم غەيرەتكە تولدى.» جېمىنەي ناھىيەسىنىڭ جېمىنەي بازىرى شارىقتى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى گۈلمىرە دۆۋلەت مۇنداق دېدى: كەنت پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق، بۇلتۇر كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكى 710 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزۈلدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى، «بىز چوقۇم باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچلۈك قۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ۋە تەشكىللەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى، يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، كەسىپلەر گۈللىنىش، يېزىلار گۈزەللىشىش، دېھقانلار بېيىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز».
«باش شۇجى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا: خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.» ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى گۇاڭشىڭ كوچىسى كوچا باشقارمىسى مىڭجۇ مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جوۋ شياۋلۇ مۇنداق دېدى: مەھەللىمىز پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، دىققەتنى ئاممىنىڭ ئويلىغىنى، ئارزۇسى، ئۈمىدىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆپ خىللاشقان ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 100 ئائىلە زىياپىتى، قىزىقارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتىنى خۇددى ماگنىتقا ئوخشاش كۆپچىلىكنى بىر يەرگە جەم قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىلىشىنى كۆرگەندىن كېيىن، قەشقەر چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى تاشقورغان چېگرا باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىدىكى خەلق ساقچىلىرى بۇرچىنىڭ شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ھەسسىلەپ ھېس قىلدى. بۇ چوڭ ئەترەتنىڭ جياۋداۋيۈەنى شى مىنجيې مۇنداق دېدى: چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى، تەشكىلىي ئەۋزەللىكىنى ئېگىزلىك رايونىنىڭ تەرەققىياتى، مۇقىملىقىغا تۈرتكە بولۇش ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، «ئۆمۈر بويى بىرلا ئىشنى قىلىمەن، ۋەتەن ئۈچۈن چېگرانى قوغدايمەن» دەيدىغان چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئېتىقادىمىزنى چىڭىتىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.
باش شۇجىنىڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)دە ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش ئۆگىنىشىگە قاتنىشىۋاتقان كۇرسانتلارنى چەكسىز روھلاندۇردى، چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى. كۇرسانتلار مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى، كۆيۈنۈشىنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي نەتىجە يارىتىش ئارقىلىق باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە سەمىمىي تاپشۇرۇقىغا جاۋاب قايتۇرىمىز.
(مۇخبىر جاڭ يۈنمېي، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ جىلى، جاڭ رۇيلىن، جاڭ تىڭ، جاڭ يەنفاڭ، ۋاڭ نا، ئىختىيارىي مۇخبىرلار تيەن ئېريۇڭ، لى جەنپېڭ، چاڭ يىرۇ)