جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 76 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن
ئاپتونوم رايون داغدۇغىلىق دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى
چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتناشتى
10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئاپتونوم رايون ئۈرۈمچىدە داغدۇغىلىق دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 76 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون ئۈرۈمچىدە دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 76 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتارلىق ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە مۇراسىمغا قاتنىشىپ، بىرلىكتە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى، شىنجاڭنىڭ ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىنى تىلىدى.
ئۈرۈمچى خەلق مەيدانى خۇشال - خۇرام بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى. مەيداننىڭ ئىككى تەرىپىگە تىزىلغان گۈل - گىياھلارنىڭ شەكلىدە، «2025 - 1949» دېگەن خەت بىلەن «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى» دېگەن قىزىل چوڭ خەتلەر گىرەلىشىپ بىر - بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى. مۇراسىمغا قاتناشقان ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ بولۇپ، رەتلىك سەپ بولۇپ تىزىلغانىدى.
سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى باشلاندى. دۆلەت بايرىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ قامەتلىك ۋە جەسۇر ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى مەردانە، مەزمۇت قەدەم تاشلاپ دۆلەت بايرىقىنى مۇھاپىزەت قىلىپ بايراق چىقىرىش سۇپىسىغا قاراپ ماڭدى.
جاراڭلىق «پىدائىيلار مارشى»غا ئەگىشىپ، پۈتۈن مەيداندىكىلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى، نەزەرىنى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنىڭ ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلۈشىگە تىكتى.
«جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە تەييارمىز!» دۆلەت بايرىقىغا يۈزلىنىپ، پىيونېرلار تەنتەنىلىك ھالدا بېغىشلىما سۆزى قىلىپ، «پارتىيە خاتىرجەم بولۇڭ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا مەن بار» دېگەن قەتئىي ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 76 يىلدىن بۇيان، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ يىل دۆلەت بايرىمى ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا توغرا كەلدى. 70 يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلاردا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى، ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا مەردانە قەدەم تاشلاپ ئىلگىرىلىمەكتە. مۇراسىمغا قاتناشقان ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى توغرىسىدىكى مۇھىم بېغىشلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور كۈچ قوشىمىز.
يۈسۈپجان مەمەت، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى قاتارلىقلار مۇراسىمغا قاتناشتى.