ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 15 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

2025-11-13 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، چېن شياۋجياڭ خىزمەت دوكلاتى بەردى ھەم سۆز قىلدى

11 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن 11 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 15 - ئومۇمىي يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن خىزمەت دوكلاتى بەردى ھەم ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا سۆز قىلدى.ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىۋاڭ شىڭرۇيخەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 15 - ئومۇمىي يىغىنى 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن 11 - كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئومۇمىي يىغىندا پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا سەپەرۋەرلىك قىلىندى.

يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن خىزمەت دوكلاتى بەردى ھەم ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا سۆز قىلدى.

يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدىكى قارارى» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 15 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارارى» ۋە مەمۇرىي رايونلارغا ئايرىشقا ئالاقىدار ئىشلار قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز مەمۇرىي رايونلارغا ئايرىشقا ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىش يېڭى مۇساپىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ۋە 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە كەلگۈسى بەش يىللىق، ھەتتا تېخىمۇ ئۇزاق بىر مەزگىللىك ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى يۆنىلىش خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى ئىلمىي كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلىدى. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى تەشۋىق قىلىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە ئومۇمىي يىغىننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئۆلچەم ۋە تەلەپ بويىچە توغرىلىنىپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تۇرۇۋاتقان تارىخىي ئورۇننى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ مەۋقەسىنى دەل جايىدا تېپىپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەرنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى پىلانلاش خىزمەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ ۋە چۈشىنىپ، خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى ۋە يولىنى دەل جايىدا تېپىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى، بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە مۇھىم ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك.

يىغىندا «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. يىغىندا بىردەك مۇنداق قارالدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتى سىجىل مۇقىم بولدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلدى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، ئېكولوگىيە - مۇھىت ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىلدى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە پۇختا قەدەم تاشلاندى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى مۇقىملىق ئاساسىدا يۈكسەلدى، «14 - بەش يىل»دىكى ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەر تاماملىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، بۇ، «15 - بەش يىل»نىڭ ئوڭۇشلۇق باشلىنىشىغا پۇختا ئاساس سالدى.

يىغىندا شىنجاڭ دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەر چوڭقۇر تەھلىل قىلىندى. يىغىندا بىردەك مۇنداق قارالدى: شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى تېپىلغۇسىز تارىخىي پۇرسەتكە يۈزلەنمەكتە، لېكىن يەنە بەزى سەل قاراشقا بولمايدىغان خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىس مەۋجۇت. شىنجاڭنىڭ «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى خىزمەتلىرىنى پىلانلىغاندا، جەزمەن دىققەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»گە مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارى ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرۇپ، ھەم بىر جايغا شەرەپ كەلتۈرۈش، ھەم ئومۇملۇققا ھۆسن قوشۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا، ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپتۇرۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى تۈپ مەقسەت، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى تۈپ كاپالەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادتا سۈپەتنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش بىلەن مىقدارنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىگە، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق بېيىشقا قاراپ پۇختا قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا جەزمەن تۆۋەندىكى پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش شەرت: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇش، ئۈنۈملۈك بازار بىلەن قابىل ھۆكۈمەتنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش.

يىغىندا «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىي كۈچىنى سىجىل كۈچەيتىش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدا يېڭى، زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش، بىڭتۇەننىڭ ئالاھىدە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش.

يىغىندا كەلگۈسى بەش يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئاساسلىقى: مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، خاس، ئەۋزەل، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش؛ شىنجاڭنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش؛ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتىنى چۆرىدەپ، ئۆزىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە قوش ئايلىنىشىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش؛ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش؛ ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش؛ مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، زامانىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش؛ ئىقتىسادىي ئورۇنلاشتۇرمىنى زور كۈچ بىلەن ئەلالاشتۇرۇپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى بىلەن رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش؛ سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلاش؛ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتتىن ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەتلىنىش، ئورتاق بەھرىلىنىشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش؛ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تىپىنى ئومۇميۈزلۈك يېشىل تەرەققىيات تىپىغا ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش؛ دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغان ئىستراتېگىيەلىك توسۇق بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، دۆلەت خەۋپسىزلىك سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش؛ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىش؛ بىڭتۇەننىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى قوللاپ، بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ كاپالىتى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىش ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ھەرقايسى جەھەتتىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش خىزمەت ئىستىلىنى كۈچەيتىپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئومۇمىي يىغىننىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «قارار»دىكى تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «تەكلىپ»كە ئاساسەن «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىروگراممىسىنى ئىلمىي تۈزۈپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئۈچۈن تۈزۈپ بەرگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك. 4 - پەسىلدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كارخانىنى مۇقىملاشتۇرۇش، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچەپ، خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىنى چىن قەلب، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىپ، زور يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانىنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، «14 - بەش يىل»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، كاندىدات ئەزاسى بولمىغان ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي يولداشلار، ھازىرقى ۋەزىپىسىدىن چېكىنگەن ۋە پېنسىيەگە، دەم ئېلىشقا چىققان ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەر، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ئورۇنلىرى، كارخانىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى قىسمەن ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.