شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئالماشتۇرۇش، زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن شىنجاڭغا كەلگەن بېيجىڭ داشۆنىڭ «شەرق ئوقۇش مۇكاپاتى» دۆلەتنى ئىدارە قىلىش بويىچە تەتقىقات خاراكتېرلىك بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىنىڭ كۇرسانتلار ۋەكىللىرى ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى.
چېن شياۋجياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىندا ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى، بۇ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چۈشىنىشتىكى مۇھىم كۆزنەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، شىنجاڭغا دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى بېكىتىپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلاردا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكى ۋە مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىنىڭ غايەت زور ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ، «جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى»نىڭ جانلىق ئىخچام كۆرۈنۈشى. كۇرسانتلارنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىدە شىنجاڭدا كۆپرەك ئايلىنىپ، كۆپرەك كۆرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەقىقىي، ئىستېرېئولۇق، ئومۇميۈزلۈك بولغان جۇڭگو شىنجاڭنى چۈشىنىشى ۋە تونۇشىغا تېخىمۇ ياخشى ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شىنجاڭ ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.
بېيجىڭ داشۆنىڭ مۇدىرى گۇڭ چىخۇاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇ قېتىمقى سەپەر ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق بىلدۈردى: «شەرق ئوقۇش مۇكاپاتى» تۈرى «جۇڭگونى چۈشىنىش»نى باش تېما قىلغان بولۇپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئالىملىرىنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى ئىلغار تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلغان. بۇ قېتىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭغا چوڭقۇر چۆكۈپ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، ئېچىۋېتىش - ھەمكارلىشىش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى نەتىجىلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈشى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنى چۈشىنىشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. كۇرسانتلارنىڭ كۆزىتىش، چۈشىنىش ۋە ھەمبەھرىلەش ئارقىلىق، خەلقئارا جەمئىيەتكە كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان شىنجاڭنى نامايان قىلىپ، جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىدەك جانلىق ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
سولومون تاقىم ئاراللىرى، زىمبابۋې، مالايسىيادىن كەلگەن كۇرسانتلار ۋەكىللىرى سۆز قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشتىكى غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يۈكسەك ئالقىشلىدى ھەم مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو شىنجاڭنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، شىنجاڭدىكى مەزگىلدە كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىمىزنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ھەمبەھرىلەپ، كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىمىزنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزىمىز تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى يەرلىك بىلەن شىنجاڭ ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايمىز.
چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، قەيسەر ئابدۇكېرىم، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.