جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى
□مۇھەررىردىن
11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نەشر قىلىنغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 21 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ «يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى» ناملىق ئىمزالىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى، بۈگۈن شىنجاڭ گېزىتىدە تولۇق تېكىستى كۆچۈرۈپ بېسىلدى.
بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن 25 - كۈنىگىچە، يولداش شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى، بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كۆپ مەيدان مۇھىم پائالىيەتكە قاتنىشىپ، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى» دەپ بېغىشلىما يېزىپ بەردى، مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى تولۇق ئىپادىلىدى، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، بىز شىنجاڭنىڭ 70 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىدىن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، باش شۇجى شىنجاڭ ئۈچۈن تۈزۈپ بەرگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.
1
1955 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلدى، شىنجاڭ تىنچ ئازاد قىلىنىش ئاساسىدا، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىدىغان تارىخىي يېڭى سەھىپە ئېچىلدى. 70 يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ نامرات، ئارقىدا قالغان، بېكىنمە ھالەتتىن گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان، ئېچىۋېتىلگەن تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن كۆزىتىش ۋە پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى چىگىش، مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشقا، زىددىيەت ۋە خەۋپ - خەتەر ئىچىدە غەلىبىسېرى ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىدى، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلاردا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى، شىنجاڭ تەرەققىيات ئەڭ ياخشى، ئۆزگىرىش ئەڭ زور، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشكەن تارىخىي مەزگىلگە قەدەم قويدى.
جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئۇدا كۆپ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرى يۈز بەرمىدى، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىدە مالىمان بولۇشتىن مۇقىم بولۇشقا، مۇقىم بولۇشتىن ئىدارە قىلىنىشقا ئۆتۈشتىن ئىبارەت تارىخىي بۇرۇلۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، قانۇنچىل شىنجاڭ، تىنچ - ئامان شىنجاڭ قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەر ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ دەخلى قىلىشى، بۇزغۇنچىلىقىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدى ئېلىندى ۋە تۈگىتىلدى. يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇلۇپ ۋە راۋاجلاندۇرۇلۇپ، مەسىلىلەر ئاساسىي قاتلامدا كۈچەپ ھەل قىلىنىپ، بىخ ھالىتىدە تۈگىتىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى، رازى بولۇش دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.
جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش نەتىجىلىرى مول بولدى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇلدى، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى كېڭەيتىلدى ۋە ئومۇملاشتۇرۇلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش كەڭ دائىرىدە چوڭقۇرلىشىپ، ھەر مىللەت ئامما بىللە ياشاپ، بىللە ئۆگىنىپ، ئورتاق قۇرۇپ، ئورتاق بەھرىلىنىپ، بىللە ئىشلەپ، بىللە كۆڭۈل ئېچىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك رايون، ئۈلگىلىك ئورۇندىن 101ى، مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە بازىسىدىن 14ى بەرپا قىلىندى، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش» ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى.
يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ماس ئورتاق ئىلگىرىلىدى. ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2024 - يىلى 2 تىرىليون 50 مىليارد يۈەنگە يەتتى. ئۇل ئەسلىھەلەر كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى، 9234 كىلومېتىر تۆمۈريول %80تىن ئارتۇق ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايوننى قاپلىدى، 12 مىڭ 400 كىلومېتىر يۇقىرى سۈرئەتلىك يول (1 - دەرىجىلىك تاشيول) بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە تۇتاشتۇرۇلدى، 28 ئايرودۇرۇم پۈتۈن شىنجاڭغا تەسىر كۆرسىتىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىغا تۇتاشتۇرۇلدى. سىرتقا ئېچىۋېتىش داغدام يول قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن پورت 19غا يەتتى، 2024 - يىلى چېگرادىن ئۆتكەن جۇڭگو − ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 16 مىڭ 400 قېتىم بولدى.
ئىجتىمائىي ئىشلار ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلۈپ، يېزىلاردىكى 3 مىليون 64 مىڭ 900 نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 2024 - يىلى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 42 مىڭ 800 يۈەن، 19 مىڭ 400 يۈەنگە يېتىپ، 2012 - يىلىدىكىدىن 1.3 ھەسسە، 1.8 ھەسسە ئاشتى. مائارىپ ئىشلىرى ھەر تەرەپلىمە تەرەققىي قىلدى، 2024 - يىلى مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى %99تىن كۆپرەككە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %97.74كە يەتتى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ 66گە يەتتى. سەھىيە - ساغلاملىق مۇلازىمەت سىستېمىسى تاكامۇللاشتۇرۇلدى ۋە ئەلالاشتۇرۇلدى، يېزا - بازارلىق دوختۇرخانا، كەنت داۋالاش ئۆيلىرىنىڭ ئۆلچەملىشىش نىسبىتى %100كە يەتتى، كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى ئېشىپ 77 ياشقا يەتتى.
بۈگۈنكى شىنجاڭدا جەمئىيەت تىنچ - ئىناق، تەرەققىيات قۇۋۋىتى كۈچلۈك بولدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا باستى، مەدەنىيەت گۈللىنىپ راۋاجلاندى، دىنلار ئېجىل، رايىش بولدى، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلىمەكتە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا تىنچ - ئىناق بولغان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان يېڭى كەيپىيات بارلىققا كەلدى. بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى. 70 يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى باشتىن - ئاخىر شىنجاڭ خىزمىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى - ئىلگىرىلىشىنى ئىلمىي ئىستراتېگىيەلىك كۆرسەتمە ۋە تۈپ سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. يېڭى دەۋردىن بۇيان، ھەر قېتىم شىنجاڭ خىزمىتى ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە قەدەم قويغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى بىۋاسىتە پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، تومۇر تۇتۇپ يۆنىلىش بەلگىلەپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشقا، غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىسا، سوتسىيالىستىك شىنجاڭ بولمايتتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك، گۈزەل يېڭى تۇرمۇشى بولمايتتى. بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەر پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بەرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. 70 يىلدىن بۇيان، مەركەز ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى جايلار باشتىن - ئاخىر شىنجاڭنى زور كۈچ بىلەن قوللىدى ۋە ياردەم بەردى، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىن بۇيان، مەركەزنىڭ قوللىشى ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سالمىقى ئۈزلۈكسىز زورايدى، مەركەز مالىيەسى شىنجاڭغا 5 تىرىليون 640 مىليارد يۈەن يۆتكەپ چىقىم قىلدى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، مەركەز كارخانىلىرى 235 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 21 مىڭ 700 كادىر، ئىختىساسلىق خادىمنى تاللاپ ئەۋەتتى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سالمىقىنىڭ زورلۇقى، ئۈنۈمىنىڭ ياخشىلىقى مىسلىسىز بولۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مۇلازىمەت قىلىشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئوڭۇشلۇق بولىۋەرگەن ئەمەس، بەلكى نامراتلىق، ئارقىدا قېلىش، بۆلگۈنچى كۈچلەر، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ھەمدە تۈرلۈك مۇرەككەپ خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا قارشى كەسكىن كۈرەش بىلەن تولغان. پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تەبىئىي مۇھىت ناچار بولۇش، تەرەققىيات ئاساسى ئاجىز بولۇش، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى دەخلى قىلىش قاتارلىق قاتمۇقات جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر ۋە توسالغۇلارنى يېڭىپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان جاھان مۆجىزىلىرىنى ياراتتى.
2
مۇۋەپپەقىيەتلەر تەستە قولغا كەلگەن، تەجرىبىلەر ئىنتايىن قىممەتلىك. شىنجاڭدىكى 70 يىللىق تارىخىي زور ئۆزگىرىشلەر، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىن بۇيانقى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشنىڭ تەجرىبە ئىلھامىنى ئەستايىدىل ياخشى يەكۈنلەپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلانغاندىلا، ئاندىن شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇملۇقىدىكى ئالاھىدە مۇھىم ئورنىنى جەزمەن دەل جايىدا ئىگىلەش كېرەك. شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئىستراتېگىيەلىك توسۇق، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى نۇقتىلىق رايون، دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم دەرۋازىسى، شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە بازىسى ۋە تىرانسپورت يولى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كۆپ خىل مەدەنىيەت گىرەلەشكەن، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون. شىنجاڭ خىزمىتى ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. يېڭى دەۋردىن بۇيان، 2014 - يىلى، 2020 - يىلى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 2 - قېتىملىق، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى، 2014 - يىلى، 2022 - يىلى، 2023 - يىلى، 2025 - يىلى باش شۇجى شى جىنپىڭ تۆت قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇملۇقىدا مۇھىم ئورۇنغا قويغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. چېگرا رايون مۇقىم بولسا، دۆلەت تىنچ بولىدۇ. شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئالاھىدە مۇھىملىقىنى جەزمەن چوڭقۇر تونۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىيىتىگە بولغان تەسىرىنى ئېنىق تونۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئىچكى - تاشقى ئىككى ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاشتىكى ئورنىنى ئېنىق تونۇپ، ئۇزاق مەزگىللىك تەدبىر ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك ۋەزىيىتى يارىتىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئىشلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش كېرەك.
جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتىن ئىبارەت شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى بۇ مۇھىم نۇقتىنى جەزمەن دەل جايىدا ئىگىلەش كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئومۇمىي پىروگرامما. يېڭى دەۋردىن بۇيان، شىنجاڭ تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋەزىيىتىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، ھەر مىللەت ئامما ۋە دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ قەلبىدىكى جەمئىيەت مۇھىتى ئەڭ بىخەتەر بولغان، مۇقىملىق ۋەزىيىتىدىن ئەڭ خاتىرجەم بولىدىغان جايلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جەمئىيەت مۇقىملىقى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە جەزمەن چىڭ ساقلاشقا تېگىشلىك تۆۋەن چەك، خەۋپسىزلىك ۋە مۇقىملىق بولمىسا، شىنجاڭ خىزمىتىدە ھېچقانداق ئىشتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. جەزمەن باشتىن - ئاخىر دىققەتنى خىزمەت باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، ماھىيەتتىن تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەم كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ھازىرقى جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ھەم ئەبەدىي ئەمىنلىككە تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان تۈرلۈك چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى بىر - بىرلەپ ھەل قىلىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىم، ياخشى بولغان ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە تېخىمۇ پايدىلىق تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ بۇ ئاساسىي لىنىيەسىنى جەزمەن دەل جايىدا ئىگىلەش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش شىنجاڭدىكى ئەڭ ئۇللۇق، ئەڭ ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەت، قەلبلەرنى مايىل قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. 70 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، باراۋەر، ئىتتىپاق بولغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملىدى ۋە راۋاجلاندۇردى، ھەرقايسى مىللەتلەر سوتسىيالىستىك تۈزۈم شارائىتىدا ھەقىقىي مەنىدىكى باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق ۋە تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەممىدىن مۇھىم، پەقەت ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىق قوينىدىلا، ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان بۈگۈنى ۋە تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسى بولىدۇ. جەزمەن خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئاساسىي لىنىيەنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىلانلاش، پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ مەسىلىلەرنى ئويلاش، تەدبىر بەلگىلەش، ئىش قىلىشتا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاقلىقىنى كۈچەيتىشكە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولۇش - بولماسلىقنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ ئويلىشىپ، ئىسلاھات - تەرەققىياتنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى نامايان قىلىش ئەھمىيىتىگە، بىرلىكنى قوغداش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئەھمىيىتىگە، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش ئەھمىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ۋەزىپە تەلىپىنى جەزمەن دەل جايىدا ئىگىلەش كېرەك. پۇقرالارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش 70 يىلدىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مەۋقەسى ۋە مەقسىتى بولۇپ كەلدى. يېڭى دەۋردىن بۇيان، شىنجاڭ ھەر يىلى ئادەتتىكى ئاممىۋى مالىيە خامچوت چىقىمىنىڭ %70ىدىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلىتىپ، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، داۋالاش، تۇرالغۇ قاتارلىق ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارغا سىجىل ئېتىبار بېرىپ ۋە ئۇنى ھەل قىلىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈردى، ھەر مىللەت ئامما تولۇپ تاشقان بەخت تۇيغۇسىغا چۆمۈپ، تېخىمۇ قەتئىي ھالدا پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭدى. خەلق تۇرمۇشى خەلق بەختىنىڭ ئۇلى، جەمئىيەت ئىناقلىقىنىڭ ئاساسى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا خەلقنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. سىياسىي جەھەتتىن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى پىلانلاشتا جەزمەن چىڭ تۇرۇپ، مەركىزىي كومىتېت بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى چۆرىدەپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ قەلبلەرنى مۇجەسسەملەشتە چىڭ تۇرۇپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئاچقۇچنىڭ پارتىيەدە ئىكەنلىكىنى جەزمەن دەل جايىدا ئىگىلەش كېرەك. «تىيانشان قارىغايلىرىنىڭ يىلتىزى بىرتۇتاش... كوممۇنىستىك پارتىيە بىز بىلەن قەلبداش»، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ناخشا ساداسى ئارقىلىق «باش شۇجىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، قەلبىمىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا تەلپۈنىدۇ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيمىز» دېگەن يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلىدى. پارتىيە رەھبەرلىكى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈپ ئاساسى، جان تومۇرى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك. شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش - ئىشلىيەلمەسلىكنىڭ نېگىزى پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ كۈچلۈك بولۇش - بولماسلىقىدا. جەزمەن ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاشتا قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىشنى شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئەمىن تاپتۇرۇشتىكى ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
3
70 يىل داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي يەنە سەپەرگە ئاتلاندۇق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى يەنىمۇ بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى. بىز ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئۆزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.
پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەيمىز. پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ تۈپ كاپالىتى. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، بىز بايرىقىمىز روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىشتە قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمىز. يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىر ئۆلچىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلارنىڭ ئىسلاھاتنى تۇتۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش ئەمەلىيىتى داۋامىدا ئامما بىلەن ئىتتىپاقلىشىش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى تىزگىنلەش قابىلىيىتىنى ئاشۇرىمىز. ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچلۈك قۇرۇپ، تەشكىلىي سىستېما ۋە خىزمەت كۈچىنى ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، سىياسىي ئىقتىدارىمىز ۋە تەشكىلىي ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىمىز. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىمىز.
جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شىنجاڭنىڭ تىنچ - ئىتتىپاق، ئىناق - مۇقىم ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەيمىز. ھازىر، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتى سىجىل مۇقىم بولدى، ياخشىلاندى، لېكىن «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ سىڭىپ كىرىشى، بۇزغۇنچىلىق قىلىشى ئەزەلدىن توختاپ قالمىدى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى يەنىلا مۈشكۈل ۋە ئېغىر. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، بىز جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش خىزمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلايمىز، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو - ۋەقەسى يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلايمىز. ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساسنى كۈچەيتىش، ئۇلنى مۇستەھكەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش پولات ئىستىھكامى بەرپا قىلىمىز. بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ۋە مۇستەھكەملەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇداپىئە كۆرۈش، باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، چېگرا مۇداپىئە بىخەتەرلىكى، چېگرانىڭ تىنچلىقى، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.
قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەيدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى رىشتىنى شەكىللەندۈرىمىز. شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە نېگىزگە، كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى − ھەر مىللەت خەلقنىڭ دۆلەت ۋە مىللەتكە بولغان قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. «ئىككى پان» ئىدىيەسى زەھىرىنىڭ تارقالغان ۋاقتى ئۇزاق، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرى ئېغىر بولۇپ، چېگرا سىرتىدىكى كۈچلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشى، بۇزغۇنچىلىق قىلىشى تۈپەيلىدىن، شىنجاڭدا قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىش، قەلىبلەرنى مۇجەسسەملەش خىزمىتىدە ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق، سىجىل كۈچەشكە، داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، بىز شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ، ياش - ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساسنى پۇختىلاش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ قان - قېرىنداشتەك يۇغۇرۇلۇشى، ئېتىقادىنىڭ ئوخشاش بولۇشى، مەدەنىيەت جەھەتتە سىڭىشىشى، ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر - بىرىگە تايىنىشى، ئۇرۇق - تۇغقاندەك يېقىن ئۆتۈشىگە دائىر ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەيمىز. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تۈزۈم - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتىنى پائال بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىمىز. دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى دىنىي پائالىيەتلەرگە قانۇن بويىچە تەرتىپلىك قاتنىشىشقا يېتەكلەيمىز.
شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تەرەققىيات مۇساپىسىگە كەڭ كۆلەمدە قاتناشتۇرۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تولۇق بەھرىمەن قىلىمىز. ھازىر، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات قەدىمى تېزلىشىش بىلەن بىللە، يەنە كەسىپ قۇرۇلمىسى ئەلا بولماسلىق، ئىقتىسادنىڭ ھەجىمى كىچىك بولۇش، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش ۋە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش نىسبەتەن ئارقىدا قېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، بىز ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نىڭ سىياسەت سىستېمىسى، ئەندىزە رامكىسى ۋە تۈر تىرىكىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، دۆلەتنىڭ قوللاش سىياسىتىدىن تولۇق ۋە ياخشى پايدىلىنىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىمىز. شىنجاڭنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، نېفىت خىمىيە سانائىتى، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، يېشىل كانچىلىق، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ زەنجىر توپى شەكىللەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېشىل چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە ئەلا سۈپەتلىك مېۋە - كۆكتات كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرىمىز ۋە راۋاجلاندۇرىمىز. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىمىز. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى ۋە شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى كۈچەپ بەرپا قىلىمىز. تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش سىغىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، مائارىپ، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش قاتارلىق جەمئىيەت ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ يېتەرلىك قىلىمىز، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىمىز، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز.
بىڭتۇەننىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەيمىز. بىڭتۇەن شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن تارىخىي تۆھپە قوشتى، ئىستراتېگىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇردى. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، بىز بىڭتۇەننىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك كۈچ ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئورۇن بېكىتمىسى تەلىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، بىڭتۇەننىڭ جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، رايونلارنىڭ ماسلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، نوپۇس بايلىقىنى سەرخىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئالاھىدە رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات» بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، بىڭتۇەننىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، بىڭتۇەننىڭ خاسلىقىنى نامايان قىلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش يېڭى ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىمىز.