ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى

2025-11-24 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

«سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلى جيانىخەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش، شىنجاڭنىڭ زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، يىل ئاخىرى ۋە يىل بېشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇش قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: گوۋۇيۈەننىڭ «<سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +> ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر»ىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئاپتونوم رايوننىڭ <سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +> ھەرىكىتىنى ئالغا سىلجىتىش لايىھەسى»دە ئايدىڭلاشتۇرۇلغان نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ياخشى تۇتۇپ، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش كېرەك. مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى، كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، كۆرۈنۈشلۈك ئەمەلىي قوللىنىش، بازار ئېھتىياجىنى يۆنىلىش قىلىپ، ھېسابلاش ئىقتىدارى تۈرلىرىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ھېسابلاش ئىقتىدارىغا سەرپ قىلىنىدىغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ماسلاشتۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ماركىسىنى يارىتىپ، يېشىل ھېسابلاش ئىقتىدارى باشلامچى رايونى بەرپا قىلىپ، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +»نى كۈچلۈك ھېسابلاش ئىقتىدارى كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. خاس ئەمەلىي قوللىنىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، مۇھىم ئەمەلىي قوللىنىش ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ئەنئەنىۋى كەسىپ، مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش، ئېكولوگىيەنى تۈزەش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە ئەمەلىي قوللىنىلىشقا مەدەت بېرىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: كەسپىي مائارىپ خەلق مائارىپى سىستېمىسى ۋە ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى ۋە مۇھىم تەدبىرلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ رېئال ئېھتىياجىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ساھەلەرنىڭ تېخنىكا ئۆزگىرىش يۆنىلىشىنى چىڭ كۆزلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ كەسىپ تەسىس قىلىشىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كەسپىي ماھارەت تىپىدىكى ئەمەلىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يىل ئاخىرى ۋە يىل بېشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئەسقاتىدىغان ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ياخشى تۇتۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاش كېرەك. قىشلىق قار - مۇز ساياھىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، نۇقتىلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتى ۋە تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر مۇھىت يارىتىش كېرەك. ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ناچار ھاۋارايىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، قىش پەسىللىك پار بىلەن تەمىنلەش، بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. باشتىن - ئاخىر خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.