ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، پۈتۈن يىللىق تاماملاش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك

2025-11-23 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، پۈتۈن يىللىق تاماملاش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلى جيانىخەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى شەھىرىدە خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم نەق مەيداندا ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى كۈتۈۋالدى، قىيىنچىلىق، ئىلتىماس - تەلەپلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ كۈچەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشان - ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاش كېرەك.

ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايون(يېڭىشەھەر رايون)لۇق جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىدە، ئەركىن تۇنىياز ئالاقىدار خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى، ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى كۈتۈۋالدى، قىيىنچىلىق، ئىلتىماس - تەلەپلىرىنى ھەل قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، زىددىيەت - ماجىرالارنى قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، تۈرلۈك چارە - ئاماللارنى قوللىنىپ ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭ تيەنۋۇ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرىپ، كارخانىنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى تۈزەش ۋە يېشىل ئايلانما پايدىلىنىش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، كارخانىنى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پائال سۇپا ھازىرلاپ، تۈزۈلمە - مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كارخانىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى بىلەن كەسىپ زەنجىرىنى يوچۇقسىز ئۇدۇللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى قوشۇشقا رىغبەتلەندۈردى؛ شىنجاڭ لەنزۇەن مىسچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە مۇنداق تەكىتلىدى: بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش، تەرەققىيات پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك؛ شىنجاڭ شېڭشى تەيخې مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىدە، شىنجاڭنىڭ خاس يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن مۇنداق تەكىتلىدى: يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تۆۋەن چېكىنى قاتتىق ساقلاپ، مەھسۇلاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، كەسىپ زەنجىرىنى كۈچەيتىپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، ماركىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭ جىڭباڭدا تەمىنلەش زەنجىرى پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، كارخانىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق تېخنىكىلارنىڭ ئەشيا ئوبوروتى بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەشيا ئوبوروتىنى رەقەملەشتۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى؛ ئەنخۇي - شىنجاڭ يېشىل ھېسابلاش ئىقتىدارى پەن - تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسىدا، باغچە رايونىنىڭ يىرىك پىلانى، پەن تەتقىقات سۇپىسى قاتارلىق قۇرۇلۇش ئەھۋاللىرىنى ئاڭلاپ مۇنداق بىلدۈردى: مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە قويۇپ، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، ھېسابلاش ئىقتىدارى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك ساھە ۋە كەسىپلەرگە تېخىمۇ ياخشى قۇۋۋەت قوشۇش كېرەك؛ لىئاڭ تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىدە، باغچە رايونىدىكى كارخانىلارنى شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە رەقەملىك كەسىپ ئېكولوگىيەسىنى تېز بەرپا قىلىپ، شىنجاڭ ئۇچۇر كەسپىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: يىل ئاخىرىغا پەقەت بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت قالدى، ئۈرۈمچى شەھىرى نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى خۇلاسىلەپ ۋە تەھلىل قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىشى كېرەك. ئاساسىي قاتلام جەمئىيىتىنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تەرەققىيات مۇساپىسىگە كەڭ كۆلەمدە قاتناشتۇرۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشى كېرەك. ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، كېلەر يىللىق ۋە «15 - بەش يىل»لىق خىزمەتلەرنى ئىلمىي پىلانلاپ، خاسلىقى، ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپلەرنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشى كېرەك.