​ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تۈرتكىلىك كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى سىجىل ئۆستۈرۈش كېرەك

2025-11-04 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونلار تەرەققىيات ئۈنۈمى يىغىنى ئېچىلدى​

ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تۈرتكىلىك كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى سىجىل ئۆستۈرۈش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، قورغاس، 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونلار تەرەققىيات ئۈنۈمى يىغىنى قورغاس شەھىرىدە ئېچىلدى. يىغىندا، 2024 - يىللىق مەملىكەت بويىچە ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونلارنىڭ تەرەققىيات ئۈنۈمىنى باھالاش نەتىجىسىگە سېلىشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونلار تەرەققىيات قۇرۇلۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەر چوڭقۇر تەھلىل قىلىندى، تېپىپ چىقىلدى، بۆسۈش نۇقتىسى، كۈچەش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، ۋاقتىدا يوچۇقلارنى تەكشۈرۈپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونلار قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلاندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون دۆلىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىۋېتىش قاتلىمى ئەڭ يۇقىرى، ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ئەڭ كۆپ، ئىقتىدارى ئەڭ تولۇق ئېچىۋېتىش سۇپىلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭنىڭ ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك نۇقتىسى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇش، رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ھەرقايسى ئالاقىدار جايلار ۋە تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت بەرگەن ئالاھىدە سىياسەتتىن تولۇق ياخشى پايدىلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، ئورۇن دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، «باجدىن خالىي +» كەسىپ ھالىتى ئىقتىدارىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ يۇقىرى ئېنېرگىيە دەرىجىلىك كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تۈرتكىلىك كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش كۈچلۈك موتورىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون تۇرۇشلۇق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئۈنۈمنى باھالاش نەتىجىسىگە ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ، كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈرلەرنى چىڭ كۆزلەپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ تۈزىتىشى كېرەك. ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، باجدىن خالىي پىششىقلاش، ئەشيا ئوبوروتى، تەتقىق قىلىپ ئېچىش، تەكشۈرۈش، رېمونت قىلىش كارخانىسى قاتارلىق كارخانىلارنى رايونغا كىرىشكە پائال جەلپ قىلىپ، رايون ئىچى سودا قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇشى كېرەك. ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان تۈزۈم - تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، رايون ئىچى كارخانىلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەشۋىقات ئارقىلىق يېتەكلەشنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. كەسىپ يىرىك پىلانى ۋە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش «بىرىكمە تەدبىر»ىنى ياخشى يولغا قويۇپ، باجدىن خالىي ئەلا سۈپەتلىك كارخانىلارنى جەلپ قىلىشى كېرەك. مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە قويۇپ، فۇنكسىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يوشۇرۇن كۈچنى چوڭقۇر قېزىپ، ئىقتىدارنى كېڭەيتىپ، قېرىنداش ئۆلكىلەرنىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىش ئاساسىدا، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، پەرقلىق ئىزدىنىشنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. كۆپ مىقدارلىق تاۋارلار بويىچە قەرەللىك مال سودىسىدا باجدىن خالىي ھېسابات ئۈزۈش، پۈتۈن ئاپتوموبىلنى باجدىن خالىي رېمونت قىلىش، تەكشۈرۈش، باجدىن خالىي ئاۋىياتسىيە مېيى قاچىلاش، ئايروپىلانغا قارىتا باجدىن خالىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش - ئىجارىگە بېرىش قاتارلىق خاس كەسىپلەرنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، ئىجادىي تەرەققىيات ئارقىلىق ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون قۇرۇلۇشىدا يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە تارماقلار «بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، بىرلىكتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشى كېرەك. يىللىق ئۈنۈمنى باھالاش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، مۇھىم كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئايلىنىشىنى كۆزىتىش ۋە ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشى كېرەك. «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات يولى ۋە تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل پىلانلىشى كېرەك. تاموژنا، باج، تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش قاتارلىق مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

يىغىندا، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ تەرەققىيات ئۈنۈمى ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق، ئۈرۈمچى شەھەرلىك، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق، قەشقەر ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت(مەمۇرىي مەھكىمە)تىكى مەسئۇل يولداشلار ئىپادە بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى.

قەيسەر قېيۇم يىغىنغا قاتناشتى.