باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى

2025-11-23 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى

چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىۋاڭ شىڭرۇيخەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى يىغىن ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرى مۇھاكىمە قىلىندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يولداش خۇ ياۋباڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش خۇ ياۋباڭنىڭ ئالىيجاناب روھىي خىسلىتى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى ئۆگىنىپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇشنى مۇستەھكەملەپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتە ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ھەقىقەتكە ئىنتىلىپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات چارىسىدىن پايدىلىنىپ تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىن ئىشلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە يېتەكلەش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، «ئىككىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش» «ئىككىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش» مۇھىم تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، قانۇنچىللىق ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى قوغداپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى پۇختا قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا مەركەزنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئىقتىسادچىل تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئادەتلىنىش توغرىسىدىكى تەلەپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرمىلىرى يەتكۈزۈلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: «پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇش، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش نىزامى»نى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېجەشچان ئورگان قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، چەكلىك مالىيە بايلىقىنى تەرەققىيات ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئامما ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا ئىشلىتىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى «ئىقتىسادچىل تۇرمۇش كەچۈرۈش» ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» ھەرىكىتى خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش مۇھاكىمە قىلىندى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، بۆسۈش ئېغىزى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ھېسابلاش ئىقتىدارى ئاساس تىرىكىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ «شەرقنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى غەربكە يۆتكەپ ھېسابلاش» قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىشىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ھېسابلاش ئىقتىدارى تورى بەرپا قىلىش كېرەك. ئەمەلىي قوللىنىش ھالىتىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىقلار بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، يېتىشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى دەۋردىكى خەلق ئىشلىرى كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ خەلق ئىشلىرى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئۇللۇق، ئاساسىي كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئىشلار ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئىشلىرى كەسپىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ ئەرزىيەتكە ئالاقىدار خىزمەتلىرى مۇھاكىمە قىلىندى، ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: «ئەرزىيەت خىزمىتى نىزامى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئەرزىيەت ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، قايتا تەكشۈرۈش، قايتا قاراپ چىقىشتىن ئىبارەت مەمۇرىي جەھەتتىن ئۈچ دەرىجە بويىچە بېجىرىش تەرتىپىنى ياخشى ئىشلەپ، زىددىيەت - ماجىرالارنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈگىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.