چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو ئايرىم - ئايرىم ھالدا مۇزاكىرىگە قاتناشتى

11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ۋە 11 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 15 - ئومۇمىي يىغىنى گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، كۆپچىلىكنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىدى ھەم سۆز قىلدى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ شياڭ، ۋاڭ نا خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ۋە 11 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 15 - ئومۇمىي يىغىنى گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاتارلىق ئاپتونوم رايوندىكى رەھبىرىي يولداشلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا مۇزاكىرىگە قاتناشتى.
چېن شياۋجياڭ مۇزاكىرىگە قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇق ۋە دۇنيادا يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مەۋقەنى «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئاساسنى پۇختىلاش، ئومۇميۈزلۈك كۈچەش ئاساسىي ئورۇن بېكىتمىسىگە قويۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، مۇھىم پىرىنسىپى، ئاساسىي نىشانى، مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى ۋە تۈپ كاپالىتىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشنى ئىلمىي يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى. 4 - ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىش تەلىپىگە ئاساسەن، كەلگۈسى بەش يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلمىي پىلانلاپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»گە مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك. خاس، ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەلق قەلبىنى مۇجەسسەملەش، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك ياخشى پىلانلاپ، ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈش، ئومۇملۇقنى كۆزلەپ پىلانلاش، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، بىر پۈتۈن گەۋدە بويىچە ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات چارىسى ئارقىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ھاياتىي كۈچنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ماسلىشىشى، رايونلارنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك، ئومۇملۇق خاراكتېرلىك، يېتەكچى خاراكتېرلىك مۇھىم سىياسەت، مۇھىم ئىسلاھات، مۇھىم تۈرلەرنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز مۇزاكىرىگە قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىن پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ شىنجاڭنىڭ «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە قارىتا تۈزۈلگەن بىر قېتىملىق ئىستراتېگىيەلىك پىلان بولۇپ، ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى، سىستېمىلىقلىقى ۋە ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىيىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا يۆنىلىش ۋە مۇھىم نۇقتىنى ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارىنىڭ دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، ئاممىنىڭ ئارزۇسى بىلەن بولغان بىرىكىش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، بايلىق ئەۋزەللىكى، ئېنېرگىيە ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇملۇقى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈم سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، تۈزەشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىك ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھازىر بىلەن كەلگۈسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلەپ، تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىقنىڭ، تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشىنىڭ، تەرەققىيات بىلەن كىشىلەر قەلبىنىڭ زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، ھەقىقىي تۈردە خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈش، قەلبلەرنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىرىدىن جاڭ جۇ، چېن مىڭگو ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىدىكى يولداشلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا مۇزاكىرىگە قاتناشتى. ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 15 - ئومۇمىي يىغىنىدا شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىياتىنىڭ يۆنىلىشى، يولى ۋە كونكرېت تەدبىرلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق نىشانىغا زىچ جىپسىلاشتۇرۇپ، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، مەسئۇل بولۇپ باشقۇرىدىغان ساھە ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىمىزگە بىرلەشتۈرۈپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر پىلانلاپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى تولۇق قوزغىتىپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز.
يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار مۇزاكىرىدە بەس - بەستە سۆز قىلدى، كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: بۇ قېتىمقى يىغىندا شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى بەش يىلدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئىلمىي پىلانلاندى ۋە سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، ئىنتايىن كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، ئىستراتېگىيەلىككە، ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇنلاشقان، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ماسلاشقان بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاش، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز رايونىمىز، ئۆز تارمىقىمىزنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىمىز.