شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئۈرۈمچىدە جۇڭگو تۆمۈريولى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى چېن ۋېنجيەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن چېن ۋېنجيەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، جۇڭگو تۆمۈريولى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە مەدەت بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر شىنجاڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتماقتا. يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتنىڭ 15 - ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى سىستېمىلىق پىلانلىدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئۇل ئەسلىھە «ئون تور» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، ئىچكى - تاشقى قوش ئايلىنىشقا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئۇنىۋېرسال قاتناش سىستېمىسى بەرپا قىلىش قاتارلىقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلەتتى. جۇڭگو تۆمۈريولى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ شىنجاڭ بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىنى ئالغا سىلجىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق، جابدۇق ياسىمىچىلىقى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا كۈچ قوشۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تېخىمۇ كۆپ كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
چېن ۋېنجيەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇش ۋە تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تۆمۈريولى پاي چەكلىك شىركىتى باشتىن - ئاخىر شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئىستراتېگىيە ۋە ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پىلانلاپ، ئالغا سىلجىتىپ، چوڭ - چوڭ تۈرلەر ۋە نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالىدۇ. شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول، تاشيول قاتارلىق نۇقتىلىق ئۇل ئەسلىھە تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، سۇ بايلىقىنى تەڭشەپ تەقسىملەش، پايدىلىنىش، شەھەر قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتىغا پائال قاتنىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولىدۇ.
قادېن كەبىن ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.