شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئۈرۈمچىدە شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلگەن 15 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.
كۆرۈشۈشتە، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلار ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن ئۇلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى. چېن شياۋجياڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرى باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، ئۆزىدىن ھالقىپ، ياخشى روھىي قىياپىتى ۋە ماھارەت سەۋىيەسىنى نامايان قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇ، كۆپچىلىكنىڭ شەرىپى، شۇنداقلا يۇرتىمىز خەلقىنىڭ پەخرى. كۆپچىلىكنىڭ شان - شەرەپنى قەدىرلەپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، جۇڭخۇا تەنتەربىيە روھى ۋە ئولىمپىك روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تەنتەربىيە ھەرىكىتىنىڭ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچ قوشۇپ، ماھارەت تەنتەربىيەسى ئارقىلىق تۈرلۈك تەنتەربىيە ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى مۇساپىدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا، تەنتەربىيە خىزمەتچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەنتەربىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى، ساغلام جۇڭگو قۇرۇشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلگىرىكىدەكلا ئەھمىيەت بېرىپ ۋە مەدەت بېرىپ، مۇلازىمەت كاپالىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلار ۋە تەنتەربىيە خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىپ، ئۇلارنى تېخىمۇ چوڭ سەھنە بىلەن تەمىنلەپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش بىلەن ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقىنىڭ، ماھارەت تەنتەربىيەسى بىلەن ئاممىۋى تەنتەربىيەنىڭ، تەنتەربىيە كەسپى بىلەن تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تەنتەربىيە كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلار ۋەكىللىرى ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلىپ، تەييارلىق مەشىقى ۋە مۇسابىقە ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، بۇ قېتىمقى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ياخشى ھالەتنى ساقلاپ، ئىلمىي ھالدا مەشىق قىلىپ ۋە تەييارلىق كۆرۈپ، ئۈزلۈكسىز ئۆزى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، تىرىشىپ قالتىس نەتىجە يارىتىشقا ئىنتىلىپ، تېخىمۇ كەڭ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدانىدا يەنە ئەلا نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ۋەتەن ۋە يۇرت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ شان - شەرەپ كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ۋاڭ جيەنشىن، قادېن كەبىن، قەيسەر قېيۇم، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.