ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

2025-12-08 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئەركىن تۇنىياز قەسەم بېرىشنى نازارەت قىلدى


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلى جيانىخەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىل 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى 12 - قېتىملىق دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى. 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 2025 - يىلى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن دۆلەت خىزمەتچىلىرى ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قەسەم بېرىشنى نازارەت قىلدى.

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرلار قانۇنى» ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىشكە تەشكىللەش چارىسى»گە ئاساسەن، 2025 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن 61 نەپەر دۆلەت خىزمەتچىسى قانۇن بويىچە ئاساسىي قانۇن قەسىمى بەردى.

سائەت 10دا، ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش مۇراسىمى باشلاندى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئېيتتى. ئارقىدىن، يېتەكلەپ قەسەم بەرگۈچى قولىنى ئاساسىي قانۇن كىتابچىسىغا قويۇپ قەسەمنامىنى يېتەكلەپ ئوقۇدى، باشقا قەسەم بەرگۈچىلەر سەپكە تىزىلىپ ئۆرە تۇرۇپ قەسەمنامىنى ئەگىشىپ ئوقۇدى.

قەسەم بېرىپ بولغاندىن كېيىن، ئەركىن تۇنىياز سۆز قىلدى. ئۇ كۆپچىلىكنىڭ باشلامچىلىق بىلەن ئاساسىي قانۇنغا ھۆرمەت قىلىپ، ئاساسىي قانۇنغا سادىق بولۇپ، ئاساسىي قانۇنغا رىئايە قىلىپ، ئاساسىي قانۇننى قوغداپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، قەتئىي، كەسكىن، كەم - كوتسىز، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، «بىر يىرىك پىلان، ئىككى پىروگرامما»دىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، مەسىلە يۆنىلىشى، نىشان يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي ھوقۇقنى تەڭشەش قاتارلىق نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىگە پۇختا تۈرتكە بولۇپ، «خەلقنىڭ ئارزۇسى» بىلەن «ھۆكۈمەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىش»نى بىرلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك قانۇنچىللىق ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇننى تەتبىقلاشتىكى نەمۇنىچىلاردىن بولۇپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، زىددىيەتنى ھەل قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش، خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەتنى جەزمەن ئادا قىلىش، قانۇندا ھوقۇق بېرىلمىگەن ئىشلارنى قىلماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، يېقىن ۋە پاك بولۇش بىرلىككە كەلگەن يېڭىچە ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

يۈسۈپجان مەمەت، مۇقىيات جارمۇقامەت، شۆ بىن، ۋاڭ گاڭ، قەيسەر ئابدۇكېرىم، قەيسەر قېيۇم قاتناشتى.