ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى پۇختا پۇل مۇئامىلە تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك
چېن شياۋجياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئىگىلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پۇل مۇئامىلە تەپەككۇرى ۋە پۇل مۇئامىلە خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
ئەركىن تۇنىياز، جاڭ جۇ، يۈسۈپجان مەمەت، ۋاڭ لىن پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، چېن مىڭگو، تيەن شياڭلى، ۋاڭ جيەنشىن، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن يازما سۆز تاپشۇردى.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قەتئىي تەۋرەنمەي پۇل مۇئامىلە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىش، نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلىتىمىز پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيەمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنىڭ ماھىيەتلىك قانۇنىيىتى ۋە تەرەققىيات يولىغا بولغان تونۇشىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈردى، بۇ، ماركسىزملىق سىياسىي ئىقتىساد ئىلمىنىڭ پۇل مۇئامىلە مەسىلىسى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىجادىي نەتىجىسى بولۇپ، شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ پۇل مۇئامىلە سەھىپىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى پۇختا پۇل مۇئامىلە تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، زامانىۋى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، پۇل مۇئامىلىدىكى «بەش چوڭ ئىش»نى ياخشى قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ پۇل مۇئامىلە بايلىقىنى ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشقا ئىشلىتىش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭغا قارىتىلغان پۇل مۇئامىلە مەدىتى سالمىقىنى زورايتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۈچ قوشۇش كېرەك. پۇل مۇئامىلىنى يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، چېگرا ھالقىغان مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى ۋە شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىكى خەۋپ - خەتەرنى تۈرگە ئايرىپ تەرتىپلىك تۈگىتىپ، يەرلىكنىڭ پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپپاراتلارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، رولىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، ئوچۇق شەكىلدە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، سىجىل نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، سىستېما خاراكتېرلىك، رايون خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرى يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيەنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە خىزمىتىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ «بىرىنچى باشلىق» باشلامچىلىق بىلەن پۇل مۇئامىلىنى ئۆگىنىشى، پۇل مۇئامىلىنى بىلىشى، پۇل مۇئامىلىدىن پايدىلىنىشى، ھەم پۇل مۇئامىلە ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ماھىر بولۇشى، ھەم پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشكە ماھىر بولۇشى كېرەك. پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتتىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە قاتناشتى.