پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك

2025-12-10 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

چېن شياۋجياڭ شىنجاڭ داشۆدە ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس سۆزلىدى

پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك

12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ شىنجاڭ داشۆگە كېلىپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس سۆزلىدى.ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىۋاڭ شىڭرۇيخەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى شىنجاڭ داشۆگە كېلىپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس سۆزلىدى.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا ئاتلىنىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە ئومۇمىي يىغىندا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىدە، كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىيات يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلىنىپ ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىنىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى ئىلمىي يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى. چېن شياۋجياڭ «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى، «15 - بەش يىل» مەزگىلىنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدىكى مۇھىم ئورنىنى، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېتەكچى فاڭجېنى، مۇھىم پىرىنسىپى ۋە ئاساسلىق نىشانى، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى ۋە مۇھىم تەدبىرى، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ 4 - ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى سىستېمىلىق يېشىپ چۈشەندۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 15 - ئومۇمىي يىغىنىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئالاقىدار ئويلىنىشىنى چۈشەندۈردى.

چېن شياۋجياڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش»نى چوڭقۇر چۈشەندۈردى، «دۆلىتىمىزدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان زېمىنىنى ئورتاق ئېچىپ، بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، پارلاق جۇڭگو تارىخىنى ئورتاق پۈتۈپ، شانلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئورتاق يارىتىپ، ئۇلۇغ مىللەت روھىنى ئورتاق يېتىلدۈردى»نىڭ چوڭقۇر ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى بايان قىلدى ۋە چۈشەندۈردى. چېن شياۋجياڭ كەڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلاردىن ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ قان قېرىنداش، تەقدىرداش ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت داۋلىنى يەنىمۇ ھېس قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزۇپ، تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلەردىن، ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن، قوغدىغۇچىلاردىن بولۇشنى ئۈمىد قىلدى.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق دەرس. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ۋە ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەر سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش تۈپ ۋەزىپىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسىنى ياخشى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ، قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەپ، «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان» دەرسىنى ياخشى سۆزلەپ، ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيەنى ھەرقايسى پەن سىستېمىسى، ئوقۇتۇش سىستېمىسى، دەرسلىك سىستېمىسى، باشقۇرۇش سىستېمىسىغا سىڭدۈرۈپ، ئىدىيە - ئەخلاق، مەدەنىيەت بىلىملىرى، جەمئىيەت ئەمەلىيىتى تەربىيەسىگە سىڭدۈرۈپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنىنى كۈچلۈك قۇرۇپ، پارتىيەنى خاتىرجەم قىلىدىغان، ۋەتەننى سۆيۈپ تۆھپە قوشىدىغان، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئالىدىغان تېخىمۇ كۆپ دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار مەكتەپلەرگە كىرىپ ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش تېمىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى تاللاپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسنى ياخشى سۆزلىشى كېرەك.

ۋاڭ جيەنشىن، قادېن كەبىن، قەيسەر ئابدۇكېرىم، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوملاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى ۋەكىللىرى، شىنجاڭ داشۆدىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بولۇپ تەخمىنەن 1400 كىشى قاتناشتى.

دەرس سۆزلەشتىن بۇرۇن، چېن شياۋجياڭ ئۆزى ئالاقە باغلىغان شىنجاڭ داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىدىن گېڭ شياۋسا، ئايزىبا راخمان قاتارلىقلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارنى غايە - ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، ئۇلۇغۋار ئىرادە تىكلەپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، تەتقىق قىلىپ، تىرىشىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى ياراملىق ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ يېتىلىشكە ئىلھاملاندۇردى.