ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى

2025-12-08 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

«ئاپتونوم رايوننىڭ جەمئىيەت سېلىنمىسى ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ئوبوروت ئارقىلىق يېزا يېرىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشىشىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى يولغا قويۇش چارىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلى جيانىخەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، «ئاپتونوم رايوننىڭ جەمئىيەت سېلىنمىسى ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ئوبوروت ئارقىلىق يېزا يېرىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشىشىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى يولغا قويۇش چارىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» «ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» «ئاپتونوم رايوننىڭ ئاممىۋى بايلىق سودىسىنى باشقۇرۇش چارىسى» ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتى قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى.

يىغىندا «ئاپتونوم رايوننىڭ جەمئىيەت سېلىنمىسى ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ئوبوروت ئارقىلىق يېزا يېرىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشىشىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى يولغا قويۇش چارىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: دېھقانلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، بازار ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان قىلىپ، ئالدىنقى مەزگىللىك ئىجازەت ۋە كېيىنكى مەزگىللىك نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئۆتكىلىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يەرنى يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئىش بېجىرىش كۆرسەتمىسى تۈزۈپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھوقۇقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش، يېشىپ چۈشەندۈرۈشنى ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دېھقان ئائىلىلىرىنى سودا سۇپىسى ئارقىلىق ھۆددىگە ئالغان يەرنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئوبوروت قىلىشقا يېتەكلەپ، خەۋپ - خەتەر كاپالەت پۇلى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، سودا ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە سودا قىلىشى، ئاقىلانە سودا قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئېكولوگىيە - مۇھىتنى رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇش ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشقان يېڭى ئەندىزىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك. تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى، مۇھىت سۈپىتى تۆۋەن چېكى ۋە بايلىقتىن پايدىلىنىش يۇقىرى چېكى ئارقىلىق، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ رايونغا ئايرىپ، تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيە - مۇھىت بىخەتەرلىكى تۆۋەن چېكىنى پۇختىلاش كېرەك. خىزمەت مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىستېمىلىق پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى باھالاشنى ھەرىكەتچان قانات يايدۇرۇپ، رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

يىغىندا «ئاپتونوم رايوننىڭ ئاممىۋى بايلىق سودىسىنى باشقۇرۇش چارىسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: ئالاقىدار تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، توسۇقنى بۇزۇپ تاشلاپ، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، «كىرگۈزۈشكە تېگىشلىكلىرىنى جەزمەن كىرگۈزۈش» پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاممىۋى بايلىق سودا تۈرلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ بازارغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىشتىن بۇرۇن، ئىش داۋامىدا، ئىشتىن كېيىن پۈتۈن زەنجىرلىك نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بايلىق تەقسىملەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، بازاردىكى ئادىل رىقابەتنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە پائال جاۋاب قايتۇرۇپ، سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش، يېشىپ چۈشەندۈرۈشنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرى ۋە ئاممىنىڭ سىياسەت تەلىپى، سودا تەرتىپى ۋە ھوقۇق - مەنپەئەت كاپالىتىنى ئىگىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى باشتىن - ئاخىر خەلق تۇرمۇشىغا دائىر چوڭ ئىش سۈپىتىدە ياخشى تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، «تۆت ئەڭ قاتتىق» تەلىپى بويىچە، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى پۈتۈن زەنجىرلىك ئۆستۈرۈش كېرەك. بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن كېلەر يىلىنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئاچقۇچلۇق تۈگۈنلەرنى چىڭ كۆزلەپ، ساياھەت مەنزىرە رايونى، مەدەنىيەت - تەنتەربىيە سورۇنى، مۇھىم قاتناش يولى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلار ۋە مەكتەپتىكى يېمەكلىك، توردىكى يېمەك - ئىچمەك، ھارپا كېچىسى تامىقى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.