خۇەي جىنپېڭ، ئەركىن تۇنىياز قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى جيانى خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىر خۇەي جىنپېڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ رۇيجۈن قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مىنىستىر شيۇڭ سىخاۋ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
خۇەي جىنپېڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە مائارىپ سىستېمىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مۇلازىمەت قىلىشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى بۇرچىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مائارىپنىڭ پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارغا بولغان تىرەكلىك رولىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ دىققەتنى خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئاممىۋى مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك؛ دىققەتنى مائارىپ كۈچلۈك رايونى ئاساسىنى پۇختىلاشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك؛ دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇش، كۈچەيتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، مائارىپ ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى توپلاش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك؛ دىققەتنى ئەتراپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك مائارىپ بويىچە تاشقى ئالماشتۇرۇش - ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى باشتىن - ئاخىر شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسەت، مەبلەغ، ئىختىساسلىقلار، تۈر قاتارلىق جەھەتلەردە شىنجاڭنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدا زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە كۈچ قوشتى. بىز سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز؛ يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى تىرىشىپ ياخشى باشقۇرىمىز؛ مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز؛ مائارىپ جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش - ھەمكارلىقنى سىجىل كۈچەيتىپ، مائارىپنى سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز. ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بايلىقىدىن تولۇق ياخشى پايدىلىنىپ، ئالماشتۇرۇش - ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، كۈچلۈك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز.
ۋاڭ رۇيجۈن مۇنداق بىلدۈردى: مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، شىنجاڭنىڭ مائارىپ خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئاساس مائارىپنىڭ سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، ئالىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتى تېز بولدى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ماس كېلىدىغان تۈرلۈك ئىختىساسلىقلار سىجىل كۆپەيدى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، شىنجاڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ۋە بىڭتۇەن مائارىپ ئىدارىسى خىزمەت دوكلاتى بەردى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان قىسمەن ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرى، ياشانغان ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.
مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، مەھكىمە، ئىدارىلەردىكى مەسئۇل يولداشلار، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان مەركەز ئورۇنلىرى(تارماقلىرى)غا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەر، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كەسپىي مەكتەپلەر ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.
ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ جيەنشىن، شۆ بىن، قەيسەر ئابدۇكېرىم، لى شۈ، بېيجىڭ داشۆ پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې گۇاڭسەي، تيەنجىن داشۆ پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ياڭ شيەنجىن، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.