ئەركىن تۇنىياز مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئورۇنلىرى ۋە مەركەز كارخانىلىرى ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى
ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى توغرىسىدىكى پىكىر - تەكلىپلەرنى ئاڭلاپ ئۆتتى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئورۇنلىرى ۋە مەركەز كارخانىلىرى ۋەكىللىرىنىڭ «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى (لايىھە)» توغرىسىدىكى پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ ئۆتتى.
سۆھبەت يىغىنى نەق مەيدانىدا كەيپىيات قىزغىن بولدى، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئورۇنلىرى ۋە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ 19 ۋەكىلى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىنى چىڭ كۆزلەپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا شورلۇق يەردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش، پاختىنى ئۆز جايىدا پىششىقلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، پورتلارنى رەقەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى، كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىنى ياخشى قىلىش، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىش، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش تۆمۈريول تىرانسپورت يوللىرىنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش، يېڭى ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك ئەستايىدىل مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، ھەرقايسىسى ئۆز ساھەسىنى چىقىش قىلىپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئورۇنلىرى ۋە مەركەز كارخانىلىرى بىلەن يەرلىك تېخىمۇ ياخشى يۇغۇرۇلۇپ جىپسىلىشىش، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش نۇقتىسىدىن ئويلىشىپ، قىممەتلىك پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تېگىشلىك مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى. بىز كۆپچىلىكنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل رەتلەپ، تولۇق قوبۇل قىلىپ، تىرىشىپ دوكلات ۋە پىروگراممىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرىمىز، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرىمىز، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا تېخىمۇ ماسلاشتۇرىمىز.
ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە غەمخورلۇقىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىزنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلىشى بىلەن، بىز زور خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات ئەڭ ياخشى، ئۆزگىرىش ئەڭ چوڭ، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشكەن تارىخىي مەزگىلگە قەدەم قويدۇق. ئۇزاقتىن بۇيان، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئورۇنلىرى ۋە مەركەز كارخانىلىرى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە پائال سىڭىشىپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭ يۈزلىنىۋاتقان تارىخىي پۇرسەت ھەمدە ئۆزگىچە تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئىشەنچ ۋە ئىرادىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى كۆزلىمە يارىتىشى؛ داۋاملىق تۈردە ياخشى كۆۋرۈك، ۋاسىتە بولۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش، ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىش، مالىيە - باج، پۇل مۇئامىلە، يېڭى ئېنېرگىيە تەرەققىياتى قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ زور مەدەتنى پائال قولغا كەلتۈرۈشى؛ مەركەز كارخانىلىرىنىڭ سىياسەت، ئىختىساسلىقلار، مەبلەغ قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، يەرلىكنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.