چېن شياۋجياڭ ئۈرۈمچىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت ئاممىنى مەنپەئەتلەندۈرۈش كېرەك
جاڭ جۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى

يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ ئۈرۈمچىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: چېن شياۋجياڭ ئۈرۈمچى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرمەكتە. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يېقىندا ئۈرۈمچىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى چۆرىدەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باش تېمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت ئاممىنى مەنپەئەتلەندۈرۈش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.
چېن شياۋجياڭ تىيانشان رايونى يەنخۇا ئولتۇراق رايونىغا چوڭقۇر چۆكۈپ ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى يوقلىدى، ئۈرۈمچى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، پۈتۈن شەھەرنى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش خىزمىتى دوكلاتىنى ئاڭلىدى، ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە ئاممىنىڭ ھال - ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت كۆڭۈلگە پۈكۈپ، ئىسسقلىق بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، پاكىز پار بىلەن تەمىنلەشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، كۆپچىلىكنىڭ قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىدى؛ شىنجاڭ يۇمشاق ماتېرىيال باغچىسىغا كىرىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ۋە شىنجاڭنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىدا پۇرسەتنىڭ تېپىلغۇسىز، ئەۋزەللىكنىڭ ئۆزگىچە، بوشلۇقنىڭ كەڭ ئىكەنلىكىنى، ھېسابلاش ئىقتىدارى كەسپى قاتارلىق ئاساسلارغا تايىنىپ، ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى ۋە بۆسۈش ئېغىزىنى دەل جايىدا تېپىپ، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئەمەلىي قوللىنىش ھالىتىنى پائال كېڭەيتىپ، تۈرلۈك كەسىپلەرگە تېخىمۇ ياخشى قۇۋۋەت قوشۇشنى، ھەممە ئائىلىلەرگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشنى تەكىتلىدى؛ ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىدا سۇپا قۇرۇلۇشى، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئارقىلىق توشۇش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى ۋە تۈرلۈك قوللاش سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، ئېچىۋېتىش تۈگۈنىلىك ئىقتىدارىنى سىستېمىلىق ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش داۋامىدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشنى تەكىتلىدى؛ يامالىق تېغىنىڭ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش، تۈزەشنى كۈچەيتىپ، يېشىل تەرەققىيات، ئېكولوگىيە ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى تەكىتلىدى؛ يەنە تىيانشان رايونى ياڭخاڭ مەسچىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىشكە يېتەكلەشنى تەكىتلىدى.
چېن شياۋجياڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا مۇنداق تەكىتلىدى: دىققەتنى شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»گە مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، زىددىيەت ۋە ماجىرالارنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش - تۈگىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئېجىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، تىنچ، ئىناق ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملەش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەشكەن، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان، يېشىللاشقان تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، خاس، ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى سىجىل كېڭەيتىپ، ئىچكى - تاشقى قوش ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا تېخىمۇ زور رولنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت، تۇرالغۇ، داۋالىنىش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، بالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلارنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئېكولوگىيە - مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركىزىي كومىتېت كۆزىتىشىدە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى ئاڭلىق ھالدا قائىدە - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشقا، دادىللىق بىلەن ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشقا يېتەكلەش كېرەك.
ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن ئالاقىدار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.