ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشى خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى
چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇش، ۋارىسلىق قىلىدىغان ئىزباسارلىرى بولۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن ئۇلنى چىڭىتىش، روھنى تاۋلاشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك، ياش - ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساسنى پۇختىلاش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تورنىڭ ئادەم تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، خىزمەت ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، مەكتەپ، ئائىلە، جەمئىيەت ماسلىشىپ ئادەم تەربىيەلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ياخشى جەمئىيەت مۇھىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك.
يىغىندا مەركەزنىڭ كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى ۋە كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتىن كۆزىتىشكە قاراش، سىياسىي جەھەتتىن كۆزىتىشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، تۈزىتىش لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق، ئەمەلىي، ياخشى تۇتۇپ، تۈزىتىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق كۆزىتىشنىڭ ئۆتكۈر شەمشەرلىك رولىنى نامايان قىلىش كېرەك. مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسى قايتما ئىنكاس قىلغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە چىڭ قادىلىپ، مەسىلە تىزىملىكى، ۋەزىپە تىزىملىكى، مەسئۇلىيەت تىزىملىكىدىن ئىبارەت «ئۈچ تىزىملىك»نى تۇرغۇزۇپ، نىشانلىق جەڭ قىلىش، تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگىچە قويۇۋەتمەسلىك، مەسىلىنى ھەل قىلمىغۇچە قويۇۋەتمەسلىك، تۈزىتىش جايىدا بولمىغۇچە قويۇۋەتمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تۈزىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك چىڭىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولىدىغان، ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىدىغان، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، تۈزىتىشنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆزىتىش ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۆزىتىش ئارقىلىق قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۆزىتىش ئارقىلىق تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.