باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى مەركىزىي كومىتېت كۆزىتىشىدە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش خىزمىتى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىندى ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

2025-12-06 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

مەركىزىي كومىتېت كۆزىتىشىدە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش خىزمىتى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىندى ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىۋاڭ شىڭرۇيخەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرى مۇھاكىمە قىلىندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 23 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تور ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشتىكى «بەشتە چىڭ تۇرۇش» مۇھىم تەلىپىنى ئىگىلەپ، تور ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توردىكى ئاساسىي ئېقىم ئىدىيە ئاممىۋى پىكرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە زورايتىپ، قانۇن بويىچە تورنى باشقۇرۇش، تورنى ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان تور بوشلۇقىنى سىجىل بەرپا قىلىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شياڭگاڭ شىنجيې دابۇ رايونى ئائىلىلىكلەر بىناسىدىكى زور ئوت ئاپىتى ھادىسىسى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى چىڭىتىپ، ئېگىز بىنالارنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتا زور ھادىسە يۈزبېرىشنى قەتئىي توسۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مەركىزىي كومىتېت كۆزىتىشىدە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش خىزمىتى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىندى ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى پىلانلاش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشتىكى «كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىشلار»نى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، تۈزىتىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، مەركىزىي كومىتېت كۆزىتىشىدە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىشى، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ دەرھال تۈزىتىشى كېرەك. مەسىلىنىڭ مەنبەسىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئويلىنىش، خاتالىق ئۈستىدە ئويلىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېغىشنى تۈزىتىشى، خىزمەتلەرنى ياخشىلىشى كېرەك. تۈزىتىش لايىھەسىنى ئەستايىدىل تۈزۈپ، «مەسىلە، ۋەزىپە، مەسئۇلىيەت»تىن ئىبارەت ئۈچ تىزىملىكنى تۇرغۇزۇپ، نىشانلىق جەڭ قىلىشنى يولغا قويۇشى كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىپ، چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى كېرەك. تۈزىتىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، دەرھال تۈزىتىش بىلەن ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بىر مەسىلىنى ھەل قىلىشتىن بىر تۈردىكى مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئۇزارتىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. تۈزىتىشنى نازارەت قىلىش ۋە ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قاتتىق ئىنتىزام، ئەمەلىي ئىستىل ئارقىلىق تۈزىتىشنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

يىغىندا، مەركىزىي كومىتېتنىڭ قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ دائىملاشقان مېخانىزمىنى بىرتۇتاش ئورنىتىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى يەتكۈزۈلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: ئۆتكۈنچى مەزگىلدىن كېيىنكى يار - يۆلەك سىياسىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، مەركەزنىڭ قوللاش سىياسىتىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، دائىملاشقان دەل جايىدا يار - يۆلەك بولۇشنى ئەمەلىي، ئىنچىكە تۇتۇپ، كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولغان ئېچىش شەكلىدىكى يار - يۆلەك بولۇش ئارقىلىق ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تاكامۇللاشقان، مۇكەممەللەشكەن ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

يىغىندا، مەركىزىي كومىتېتنىڭ ساھە جەمئىيەتلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى يەتكۈزۈلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ساھە جەمئىيەتلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى سىجىل تەڭشەپ، ئەلالاشتۇرۇپ، باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە يۈرۈشۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساھە جەمئىيەتلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىنىڭ قېلىپلاشقان، ساغلام تەرەققىياتى، فۇنكسىيەلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا 10 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 8 - نۆۋەتلىك كۆزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى مەھكەم ئىگىلەپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى مەركىزىي كومىتېت كۆزىتىشىدە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشكە بىرلەشتۈرۈپ بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، 2026 - يىلىدىكى كۆزىتىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، مۇنتىزملاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كۈچلۈك سىياسىي نازارەتچىلىك ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.